تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇخەي، 11-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى. 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇخەي خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى، كارخانىچىلار قاتارلىق ھەر ساھە زاتلارنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ چەكسىز ئاسمانغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تەلپۈنۈپ كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئاسمانغا ئۇچۇش ئارزۇسىنى يەتكۈزۈپ كەلدى. 19-ئەسىردىن بۇيان، دۇنيا ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ بەخت- سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچىدى. 20 نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى تۈرىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە كەسپىي كۆرگەزمىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، دۇنيا ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىشىنىمەنكى، بۇ نۆۋەتلىك ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى چوقۇم دۇنيا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى. شۈ چىلياڭ، ۋاڭ يۇڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ قاتناشتى.

  12-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 1996-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى تەرەققىي قىلىپ سودا خاراكتېرى، كەسپىي خاراكتېرى، جەلپكارلىقى بىرگەۋدىلەشكەن، ھازىرقى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كەسپىنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كاتتا يىغىلىشقا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىگە 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ 700 دىن ئارتۇق كۆرگەزمە سودىگىرى قاتنىشىپ، دۇنيا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كەسپىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى