تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە چارۋىچىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچتى

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، چارۋىچى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاقياز قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا مال باقماقتا.

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز لى ۋېنۋۇ خەۋىرى، فوتوسى: ئاقياز قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانى شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئەڭ چوڭ قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ بىرى، قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ تۆت ئەتراپى مۇز تاغ بولۇپ، تەبىئىي مۇھىتى ئۆزگىچە، بىر مىليون مودىن ئارتۇق تەبىئىي ئېگىزلىك يايلىقى دەريا ۋادىسى ئىچىدە سوزۇلغان، بۇ يەر قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولۇپ، سۇ ۋە ئوت-چۆپلىرى مول، ھەر يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈپ كېلىپ ياشايدۇ. ھازىر دەل قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋاقتى بولۇپ، چارۋىچىلىق مەيدانىدا قۇياش نۇرى يېتەرلىك، ئوت-چۆپلەر قۇيۇق، شۇنداقلا قار ناھايىتى ئاز يىغىلىپ قالىدۇ، چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋىچىلار كۈن چىقىشى بىلەن ئالدىراشچىلىقىنى باشلاپ، كۈن پاتقاندىن كېيىن ئارام ئېلىپ، تىنچ ھەم ئاسايىشلىق بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى