ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر ۋۇ پېڭ خەۋىرى): ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ قارايۇلغۇن يېزىسى ئارا دوغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، كەنتتىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر كۆمۈر تاپشۇرۈۋالدى.
قىش كېلىش ئالدىدا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەر تەرەپنىڭ تىرىشىشى بىلەن، ئارا دوغا كەنتىدىكى كۆپ قىسىم نامرات ئائىلىلەرگە كۆمۈر تارقىتىلغان ئىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يېقىندا يەنە ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىپ، كۆمۈر كەمچىل ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.
كۆمۈرنى قانداق ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بېشى قېتىپ تۇرغاندا كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت بازىرى تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى ۋە كورلا شەھەرلىك يېمەك-ئىچمەك سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسى تەشەببۇسكار ھالدا خىزمەت ئەترىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، نامرات ئاھالىلەرگە 11 توننا كۆمۈر ئېلىپ بەردى. كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت بازىرى تىجارەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ يىجۈن ياردەمگە موھتاج ئاممىغا، ئاممىنىڭ قىشتىن ئىللىق ئۆتۈۋېلىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.