تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«قوش 11»دا شىنجاڭ سوۋغىلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ھەقسىز يەتكۈزۈلىدۇ

  شىنجاڭ چىلىنى (سۈرەتنى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن)

  مۇخبىرىمىز ليۇ شيا خەۋىرى. سىز بەلكىم شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي قۇرۇق مېۋە-چېۋىلىرىنى يەپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بىراق، ئۇلارنىڭ داڭقىنى چوقۇم ئاڭلىغان، بۇ يىل «قوش 11»دا، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر جايلىرىدىكى تورداشلار شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋە-چېۋىلىرىگە ھەقسىز ئېغىز تېگىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  مۇخبىرىمىزنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى شىنجاڭ تىيانشان تورى قارىمىقىدىكى تىيانشان «يوۋپىن»(天山优品) سۇپىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 11دە، تىيانشان «يوۋپىن» سۇپىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى بىلەن بىرلىكتە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا شىنجاڭ چىلىنىدىن 1000 بولاقنى چەكلىك ۋاقىت ھەقسىز يەتكۈزىدىكەن، 111 مىڭ دانە شىنجاڭ چىلىنى شىنجاڭ «يوۋپىن» مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە تورداشلارنىڭ يېنىغا «ئۇچۇپ» بارىدىكەن.

  ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش

  «CCTV دۆلەتلىك داڭلىق ماركا پىلانى، ئېلان ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش» تۈرى شىنجاڭ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش يىغىنى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچىدە غەلبىلىك ئېچىلدى. 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، خوتەن قىزىلگۈلى، يەكەن بادىمى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ياڭاق-چىلىنى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ تۆت خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئېلانى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەرقايسى قاناللىرىدا قويۇلۇپ، تىيانشان «يوۋپىن» مەھسۇلاتلىرى بارلىققا كەلدى. نۆۋەتتە، بۇ ئېلانلار قويۇلىدىغان قاناللار سەككىزگە كۆپىيىپ، شىنجاڭ قاتارلىق سەككىز ئۆلكە (رايون)نى قاپلىدى.

  تىيانشان «يوۋپىن» سۇپىسى باشقا ئادەتتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئىزچىل ئۆزگىچە، يېڭى شەخس، مەھسۇلات ۋە يەرلىك ھېكايىلەرنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئابونتلار ئۈچۈن ھەقىقىي، ئىشەنچىلىك مال سېتىۋالالايدىغان، ئەلا مۇلازىمەتلىك سەھنە ھازىرلىدى.

  ھازىرغا قەدەر، تيانشان «يوۋپىن» سۇپىسىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىزىلگۈل، ياڭاق قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان كۆپ تۈردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى، بۇ مەھسۇلاتلار مەملىكتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بازار تېپىپ ۋە ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ھەم شىنجاڭدىكى داڭلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنىڭ ماركا تەسىر كۈچى ئاشتى.  تيانشان «يوۋپىن» سۇپىسى يېڭى تاراتقۇنىڭ تەشۋىق قىلىش ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەسىر كۈچى دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ، ئۇلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋە-چىۋە ۋە ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىغا ئېغىز تەگكۈزۈشتۇر.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش

  «دۆلەت ماركا پىلانى» بولسا مەركىزىي رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېلان خېرىدار چاقىرىش ئەندىزىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشى بولۇپ، «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلىرى» قاتارلىق كوزىر خەۋەر پروگراممىلىرىنىڭ ئېلان مەنبەلىرىنى سەپلەشتىن باشقا، يەنە تاللانغان كارخانىلارغا «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دۆلەت ماركا پىلانى TOP ھەمكارلىق ياردەمچىلىرى ياكى ساھە باشلامچىسى تەشۋىقات فىلىمى» نى لايىھەلەپ بېرىدۇ. بۇ پىلان ئاممىۋى پاراۋانلىقى قىسىمى ۋە سودا قىسىمىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىقى قىسىمىدىكى «ئېلان ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش» تۈرى بولسا نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ھەقسىز ئېلان بېرىپ كېڭەيتىدۇ.

  2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۆت ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 22 خىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئېلان فىلىمىنى ھەقسىز قويۇپ، 382 مىڭ نامرات ئائىلىدىكى 1 مىليون 512 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزدى.

  تىيانشان «يوۋپىن» « CCTV دۆلەت ماركا پىلانى، ئېلان ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش » تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چۆرىدەپ، دېھقانلار، كارخانىلار ۋە خېرىدارلار ئوتتۇرىسىدىكى يولنى ئېچىپ، بۇلارنى تېخىمۇ ياخشى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خېرىدارلارغا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ ماركا تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا ياردەم قىلىپ يېڭى سېتىش يوللىرىنى ئاچىدۇ.

  بۇ يىللىق «قوش 11» پائالىيىتىدە، تىيانشان «يوۋپىن» «چىن ئىخلاس بىلەن ئەلا مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش، شىنجاڭنىڭ سوۋغاتلىرىنى سىزگە يەتكۈزۈش» تېمىسىدىكى شىنجاڭ چىلىنى داڭلىق ماركا پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ، «天山优品» ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇپ، ئەڭ يېڭى پائالىيەت ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 11 دە دەل ۋاقتىدا پائالىيەتكە قاتنىشىڭ، ئالدىن قاتناشقان 1000 كىشى تاللاپ چىقىلىپ، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بىر تۇتاش مال تارقىتىلىدۇ. بۇ پائالىيەتنىڭ سانى چەكلىك، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ شىنجاڭنىڭ چىلانلىرىنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىڭ! سىزنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى