تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدا بۇ يىل قىشتا تىجارەت توختىتىلمايدۇ

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدا بۇ يىل قىشتا ئىلگىرىكى يىللاردىكى قىشتا تىجارەت توختىتىشتەك ئەھۋال ئۆزگەرتىلىپ، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان قىشلىق ساياھەت رەسمىي قوزغىتىلىدىكەن، بۇ مەزگىلدە ساياھەتچىلەرگە قارىتا كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، كىرىش بېلىتىگە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلىدىكەن.

قىشتا بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدا ئوخشاشلا ئاق قۇلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى قىشلىق ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەل كىلىمات شارائىتى ھەمدە بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە. مەنزىرە رايونى تىيانشان تاغ تىزمىسىدىكى ئېگىز تاغ ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2500 مېتىر كېلىدۇ، ھەر يىلى 10-ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن قىش پەسلىگە كىرىدۇ، ئۇزاققا سوزۇلغان قىش پەسلى بەش، ئالتە ئايغا يېتىدۇ.

قىش پەسلىدىكى گۈزەل بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى