11-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتىكى لىنكولىن مەركىزىدە جۇڭگو مېيىپلەر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى نومۇر ئورۇندىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. دۆلىتىمىزنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى نۆۋەتچى رەئىسىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش پائالىيىتى بولغان جۇڭگو مېيىپلەر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ «ئارزۇيۇم» ناملىق ئويۇنى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە نيۇيوركتىكى لىنكولىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى كەچتە جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ما چاۋشۈ، 73-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى ئېسپىنوسا، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى جيا يوڭ ھەمدە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتارلىق 900 دىن ئارتۇق كىشى ئويۇننى كۆردى. (لى مۇزى فوتوسى)