2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ شىخۇ شەھىرى باشىسىخۇ يېزىسى چىغلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى داڭ شياۋبىڭ (ئوتتۇرىدا) كەنت ئاھالىسىنىڭ نان يېقىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.
ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز گاۋ بو خەۋىرى، فوتوسى: بۇ يىل 6-ئايدا خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ناۋايلىق ئاساسى بار 20 ئائىلىلىكنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقسىز تونۇر سېلىپ بېرىپ، كىيىم-كېچەك زاكاز قىلىپ بەردى، ئاھالىلەرنىڭ ئېچىتقۇدىن پايدىلىنىشى، ئوتۇن ئىشلىتىپ تۆۋەن تەننەرختە نان يېقىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىپ بېرىپ، «تاللا بازىرى+كەنت ئاھالىلىرى» زاكازلىق سېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئائىلىنىڭ ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن ئارتۇق ئاشتى.