تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

2020-يىلى ئېلىمىز تۇنجى قېتىم مارس تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يولغا قويىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    جۇڭگو دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى سىستېما قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جيەننىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇخەيدە ئاشكارىلىشىچە، ئېلىمىز 2020-يىلى تۇنجى قېتىم مارس تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يولغا قويىدىكەن، ئارقىدىنلا ئۈچىنچى قېتىملىق يىراق ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يولغا قويىدىكەن.

     شۇ كۈنى جۇخەيدە ئېچىلغان 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىدە جاۋ جيەن ئېلىمىز ئالەم قاتنىشىنىڭ كەلگۈسى يىراق ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق مارس تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى 2020-يىلى ئەتراپىدا يولغا قويۇلىدۇ، 2021-يىلى مارس تەكشۈرۈش ئەسۋابى مارسقا قونىدۇ. 2030-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئېلىمىز يەنە كىچىك سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش، مارستىن ئەۋرىشكە ئېلىش، يۇپىتېر سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش ۋە سەييارىلەرنى كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق ئۈچىنچى قېتىملىق يىراق ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يولغا قويىدۇ.

    جاۋجيەن يەنە مۇنداق دېدى، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 40 قا يېقىن دۆلەتنىڭ ئالەم قاتنىشى ئورگىنى ۋە نەچچە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن 120 تۈردىن ئارتۇق بوشلۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى ياكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، 14 ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تاشقى بوشلۇق كومىتېتى قاتارلىق 20 خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
  • بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى