بەدەن چېنىقتۇرغاندىن كېيىن، بەزى ئىشلارنى قىلغاندا ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. پايتەخت تەنتەربىيە شۆيۈەنى تەنھەرىكەت ئىلمى ۋە ساغلاملىق شۆيۈەنىنىڭ دوكتورى ۋاڭ يۈ «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىغا ساغلام بولغان «ھەرىكەتتىن كېيىنكى» ئاڭنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
ھەرىكەتتىن كېيىن كۆپ مىقداردا سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك: چېنىققاندا ئادەم ئاسان ئۇسسايدۇ. ئەگەر ھەرىكەتتىن كېيىن سالقىنداش ياكى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە كۆپ مىقداردا سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي تارتىشىپ قېلىش، قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار بار بولغان سۇ ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىچىش بىر قەدەر مۇۋاپىق.
ھەرىكەتتىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى دەرھال چۈشۈرمەسلىك: ھەرىكەت قىلغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، تەر تۆشۈكچىلىرى كېڭىيىپ، تەر كۆپ ئاقىدۇ. ئەگەر ھەرىكەتتىن كېيىن سالقىندىغاندا قان تومۇرلار قىسقىراپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ زۇكام، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ھەرىكەتتىن كېيىن دەرھال تاماق يېمەسلىك: ھەرىكەتتىن كېيىن ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدىكى قان نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. ئەگەر ھەرىكەتتىن كېيىن دەرھال تاماق يېگەندە، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ بېسىمى ئارتىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. ئادەتتە، ھەرىكەت قىلىپ بولۇپ 30~20 مىنۇتتىن كېيىن، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى