تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىللە كۆرگەزمە سارىيىنى ئايلاندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار لى جۇڭفا، جوۋ رۈي). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 5- كۈنى شاڭخەيدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىللە كۆرگەزمە سارىيىنى ئايلاندى.

  چۈشتە، شى جىنپىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىللە دۆلەت سودا، مەبلەغ سېلىش ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىردى. ئۇلار ماڭغاچ كۆرۈپ، كۆرگەچ پاراڭلىشىپ، ئىلگىرى- كېيىن ۋېنگىرىيە، مىسىر، ئەنگلىيە، چېخ، كېنىيە، سالۋادور، دومىنىكا، لائوس، گىرۇزىيە، ۋىيېتنام، پاكىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد- سودا تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرى بىلەن تونۇشتى. شى جىنپىڭ بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى سىن ئارقىلىق ۋېنگىرىيەنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى، مىسىرنىڭ ئۇزاق مەدەنىيىتى ۋە زامانىۋى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى چۈشەندى، ئەنگلىيە سارىيىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مودا بىۋاسىتە كۆرىدىغان 3D لىق سىن فىلىمىنى بىرلىكتە سىناپ كۆردى. چېخ سارىيىدا زېمان زۇڭتۇڭ چېختا ئىشلەپچىقىرىلغان پىيانىنودا زوقى بىلەن بىر مۇزىكا ئورۇنلىدى ھەم شى جىنپىڭنى چېخ پىۋىسىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. كېنىيەنىڭ گۈللىرى، سالۋادورنىڭ قەھۋەسى، دومىنىكانىڭ مېۋە- چېۋىلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو، چەت ئەل رەھبەرلىرىنى جەلپ قىلدى. گىرۇزىيە زۇڭلىسى بىلەن ۋىيېتنام زۇڭلىسى شى جىنپىڭغا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى. لائوس سارىيىدىكى جۇڭگو- لائوس تۆمۈريولى تۈرى قۇم مودېلى ۋە پاكىستان سارىيىدىكى جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى كۆرگەزمە تاختىسى ئايرىم- ئايرىم جۇڭگو- لائوس، جۇڭگو- پاكىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش گۈزەل ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. رۇسىيە سارىيىدا، شى جىنپىڭ مېدۋېدېۋ زۇڭلىنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو- رۇسىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىرى، تەبىئىي گاز، ئايروپىلان ياساش، يەرلىكنىڭ ئالاقىلىشىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، جۇڭگو- رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا ئورتاق نەزەر سالدى.

  شى جىنپىڭ ئىشتىياق بىلەن كۆردى ھەم پات- پات سوئال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەن. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشنى پۇرسەت بىلىپ، سودا پۇرسىتىنى بايقاپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوغا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىنى بېيىتىپ، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ بىلەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو سارىيىغا كەلدى. جۇڭگو سارىيى ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ بەردى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. جۇڭگو، چەت ئەل رەھبەرلىرى بىرلىكتە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى قىياپىتى نامايان قىلىنغان سىن فىلىمىنى كۆردى. يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات بۆلىكىدە، لائوس بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى گۈللىنىش ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ھېس قىلىش بۆلمىسىنىڭ تەقلىدىي ھەيدەش سۇپىسىدا مەشغۇلات قىلىپ سائىتىگە 350 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئېلىپ كەلگەن كۆرۈش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى تۇيغۇسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ كەينى- كەينىدىن «بەك تېزكەن» دەپ ماختىدى. جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان C919 تىپلىق ئايروپىلان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى. ماس تەرەققىي قىلىش بۆلىكىدە، يېقىندىلا پۈتۈپ قاتناش باشلانغان شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى مودېلى كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىنى تارتتى. شى جىنپىڭ تونۇشتۇرۇپ، ئەمدىلا پۈتكەن چوڭ كۆۋرۈك كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، دېدى. ھەرىكەتلىك تاختىدىكى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ سۈرىتىدە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەسىنىڭ كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك بولغان تەرەققىيات ھالىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ 2005- يىلى دەل ئەنجىدە تۇنجى قېتىم «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىلمىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئوچۇق تەرەققىيات بۆلىكىدە، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەقلىدىي ھەرىكەتلىك ئايلىنىشى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئېلېكتىرونلۇق قۇم مودېلنى كۆردى. شى جىنپىڭ بىلەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە جۇڭگو سارىيىنىڭ ئىچىدىكى تەيۋەن، ئاۋمېن ۋە شياڭگاڭ كۆرگەزمە رايونىنى بىرلىكتە ئايلىنىپ كۆردى.

  ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالقىشلىدى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشى جۇڭگو تەرەپنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى سىغدۇرۇشچان قىياپىتى ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئېلان قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، قەلبىدىن كۈچلۈك ئېتىراپ قىلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بازىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئەركىن سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دۆلەت سودا، مەبلەغ سېلىش ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جەمئىي 82 دۆلەت، ئۈچ خەلقئارا تەشكىلات 71 كۆرگەزمە مۇنبىرى تەسىس قىلدى، كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر. ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام، پاكىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، مىسىر، رۇسىيە، ئەنگلىيە، ۋېنگىرىيە، گېرمانىيە، كانادا، بىرازىلىيە، مېكسىكا قاتارلىق 12دۆلەت ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولدى.

  دىڭ شۆشياڭ، لى چياڭ، ياڭ جيېچى، خۇ چۈنخۇا، خۇاڭ كۈنمىڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.