تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5-قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى لى پېڭشىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم قۇرۇلتايدا سۆز قىلدى

  11- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5- قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: 11- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشمەكتە.

  مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5- قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  قۇرۇلتاي باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلار قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەننىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىلىرى ۋە كەڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، قىلچە تەۋرەنمەي ماركسىزمنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، شەرھلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇنى سەگەك نەزەرىيە ئاڭلىقلىقىغا، تەۋرەنمەس سىياسىي ئېتىقادقا، ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ئەدەپ- ئەخلاق، تەلىمات بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى، يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى پېڭشىن قۇرۇلتايغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىش، ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي پەنلەرنى باھالاشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىلىرى ۋە كەڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئۆلچەم بىلەن پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتىنى يېتەكلىشى، قېلىپلاشتۇرۇشى ۋە تەكشۈرۈشىنى؛ باشتىن- ئاخىر ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەننى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيەۋى روھ يېتىلدۈرۈشىنى؛ دەۋر باش تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىشىنى؛ ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنىڭ سىجىل ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاسراپ، پۈتۈن جەمئىيەت پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە رىشتە بولۇپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىللىق، ئىناق ئائىلىسىگە ئايلىنىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  قۇرۇلتاي «ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى 4- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»نى ماقۇللىدى، «ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى نىزامنامىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزدى، تيەن ۋېننى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە، رېن خۇا، شۈ رۈيجۈن، شى جيەن، ئېركىش قۇرمانبېك، چېن خەنلىن، گاۋ جيەنلۇڭ، شۈشيەنيى، دىڭ شوۋچىڭ، خوۋ جۈفېڭ، جاڭ شىنخۈينى مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلىدى.

  قۇرۇلتاي پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىگە ماركسىزم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش توغرىسىدا تەشەببۇس چىقاردى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرىدىن لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، مانەن زەينەل، رېن خۇا، ماغاۋ سېيىتقامزا، خەن بىڭچېڭ قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.