«ئۇ ماڭا پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيدۇ!»، «ئۇ كۈن بويى كوتۇلداشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ!» ئايلاردىن يىللارغا ئۇلاشقان ئەيببلەش ۋە ئاغرىنىشلار ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىياتنى سۇسلاشتۇرۇپ ھېچنىمىسىنى قويمىدى. مەسىلىگە يولۇققاندا ھەمىشە قارشى تەرەپكە ئىتتىرىپ قويۇش، سەۋەنلىكنى ئۆزىدىن ئىزدەپ كۆرمەسلىك ئەينى يىللاردىكى ھېسسىيات ۋە مۇھەببەتنى سورۇپ خازان قىلىدۇ. شۇڭا بەختلىك تۇرمۇش ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشتىن ئايرىلالمايدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى»لىق پىسخىكىسىدا بولماڭ. مېنىڭ بىر دوستۇم بار، ھەمىشە خوتۇنىنىڭ بەكلا تەلەپچان ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خوتۇنى باشقىلار ئالدىدا ئۇنىڭغا ئازراقمۇ يۈز بەرمەيدىكەن، ئۇنىڭ نەزەرىدە خوتۇنى ئۇنىڭ سىردىشى بولماستىن، بەلكى تەپتارتىدىغان، ئېھتىيات قىلىدىغان ئادىمى ئىكەن. ئەمما، ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ ئۆزىنى «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى» دەپ بىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئېرى خىزمەت قىلسا، خېرىدارلىرى بىلەن كۆرۈشسە، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق ئىكەن، ئەمما ئېرى ئۇنىڭغا ئەزەلدىن قەيەرگە بارىدىغانلىقى، كىم بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتمايدىكەن، خوتۇنى سورىسا ئاچچىقلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خوتۇنى ئېرىنىڭ ساداقەتمەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، ئۆزىنى «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى» دەپ ئويلايدىكەن.
ناۋادا، ئادەم ھەمىشە ئۆزىنى «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى» دەپ بىلسە، پىسخىكا جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقتىن خالى بولالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەيلى ئايال، ياكى ئەر بولسۇن، قانداقلا ئىشقا يولۇقسا، ئۆزىنىڭ بۇ خىل «سالاھىيەت»ىنى كۈچەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپتىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ كېتىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى