تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى مەكتەپكە كىردى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ ۋېنچېڭ خەۋىرى: جېمىنەي ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ جياچېڭ: «بۈگۈن ساقچى تاغىلىرىم سۆزلىگەن قانۇن ساۋاتلىرى لېكسىيەسى ماڭا ئىلھام بولدى، بولۇپمۇ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنى، ئۆزۈمنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىمنى قانداق قوغداشنى ئۆگىنىۋالدىم، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى ئۆسمۈر بولۇشقا تىرىشىمەن» دېدى.

  يېقىندا، جېمىنەي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپتە قانۇن ساۋاتلىرى لېكسىيەسى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى ئاڭ ۋە ئۆزلۈكىدىن قانۇن ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، قانۇنچىلىق روھىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، بالىلارنى قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى ئۆسمۈر بولۇشنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاشقا يېتەكلەش مەقسەت قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى