تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چىلەكيار كەنتى تاتلىق ياڭيۇدىن مول ھوسۇل ئېلىش پەسىلىنى كۈتۈۋالدى

  ئۆز خەۋىرىمىز (ئىختىيارىي مۇخبىر جيا لىڭلىڭ خەۋىرى): قاغىلىق ناھىيەسى بارىن يېزىسى چىلەكيار كەنتى ئاھالىسى كۈلقىز 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ تاتلىق ياڭيۇ ئېتىزىغا كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەنتىمىزدە تاتلىق ياڭيۇدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، قاراڭلار، تاتلىق ياڭيۇلارنىڭ ئوخشاپ كەتكىنىنى! ماڭا تاتلىق ياڭيۇ يىغىشىپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت. سىياسەتلەر ياخشى، بىز پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىمۇ بۇ تاتلىق ياڭيۇغا ئوخشاش تېخىمۇ «تاتلىق» بولماقتا.

  قاغىلىق ناھىيەلىك باج ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بارىن يېزىسى چىلەكيار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا، كۈلقىز ئەر ـ خوتۇننىڭ ئېتىزدا تاتلىق ياڭيۇ كولاۋاتقىنىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېتىزغا بېرىپ ئۇلارغا ياردەملەشتى. ئېتىزدىكى بىر-بىرىدىن يوغان ھەم قىزىل تاتلىق ياڭيۇلارنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، چىلەكيار كەنتى مەۋقەنى كەسىپلەر بازىسى قۇرۇش ۋە بازا ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇشقا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ماس كېلىدىغان يېڭى يولنى ئاچتى. كەنت كومىتېتى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ يىتەكلىشىدە، بۇ كەنت تاتلىق ياڭيۇ ئۆستۈرۈش بازىسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، «شاڭشۇ 19» ناملىق يېڭى سورتنى تاللاپ، سۇ ۋە ئوغۇتنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا مو بېشى مەھسۇلات مىقدارىنى 1500 كىلوگىرامغا، مو بېشى ساپ كىرىمىنى 4500 يۈەنگە يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى