تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مەززىلىك شىنجاڭ نانلىرى

شىنجاڭ نېنى (مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى مۇخبىرى لو چېڭ فوتوسى)

  مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋىرى: شىنجاڭدا ناننىڭ تۈرى كۆپ، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ناننىڭ تۈرى 50 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىسى نېپىز ھەم چۈرۈك، ئەتراپى قېلىن ھەم يۇمشاق «ھەمەك نان»؛ دىيامېتىرى 10 سانتىمېتىردىن ئاشمايدىغان «گىردە نان»؛ يەنە قاتلىمىغا ئوخشاش نېپىز نان... قاتارلىقلار بار.

يېڭىلا تونۇردىن چىققان خۇشپۇراق نان (جاڭ يى فوتوسى)

  شىنجاڭلىقلار ناندىن ئايرىلالمايدۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسىدە ئەل ئارىسىدا «ئۈچ كۈن گۆش بولمىسىمۇ مەيلى، لېكىن بىر كۈن نان بولمىسا بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار.

  كۇچانىڭ «كۇچا چوڭ نېنى» باشقا نانلار بىلەن ئوخشىمايدۇ، بۇ خىل ناننىڭ دىيامېتىرى 60 سانتىمېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، بىر چاقنىڭ چوڭلۇقى بىلەن باراۋەر كېلىدۇ، قېلىنلىقى بولسا بىر سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ. بۇ خىل ناننىڭ ھەجىمى چوڭ، تەمى چۈرۈك. شۇ جايدىكى ئاھالە رىسالەت كۇچا چوڭ نېنىنى تىلغا ئالغاندا پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: كۇچانىڭ بۇ چوڭ نېنى ئۆزگىچە بولۇپ، بىز بۇ ناننى كۆتۈرۈپ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ماڭساق، كىشىلەر كۆرۈپلا كۇچادىن كەلگەنلىكىمىزنى بىلىۋالالايدۇ.

  نان يېيىشتىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار، كۇچا ناھىيەسىدە ئۆي ئىگىسى دائىم ناننى چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە دەستىلەپ، مۇنار شەكىلدە تىزىپ، ئۈستەلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويىدۇ. نانغا ئېغىز تېگىپ، چاي ئىچكەندىن كېيىن، ئاندىن باشقا تائاملار تارتىلىدۇ. نان يېگەندە، گۈلى بار تەرىپىنى ئۈستىگە قارىتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىك بۆلۈشۈپ ئاز-ئازدىن چىشلەپ يېيىش كېرەك. بۇ، راھەتتىمۇ، جاپا-مۇشەققەتتىمۇ بىرگە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ.

  بەزى ئالاھىدە سورۇنلاردا نان ئالاھىدە مەنىگە ئىگە. قۇدىلاشقاندا نان ئىنتايىن قىممەتلىك سوۋغات بولۇپ، يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر قۇدىلىشىش ئۈچۈن قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بارغاندا بەش ناننى بىللە ئېلىپ بارىدۇ، قىزنىڭ ئاپىسى بىر ناننى ئوشتۇپ، تۇز سۈيىگە چىلاپ يىگىت بىلەن قىزغا تالاشتۇرىدۇ.

  شىنجاڭلىقلار نان تەييارلاش جەريانىنى نان يېقىش دەيدۇ. مەززىلىك نان پۇرىقىغا تولغان كۇچا چوڭ نېنى ناۋايخانىلىرىدا ئادەمنىڭ يېرىمىچىلىك ئېگىزلىكتە تونۇرلار بولۇپ، ناۋاي ئۇستاملار خېمىرنى چوڭ، نېپىز قىلىپ ئېچىپ تونۇرغا ياقىدۇ، بىردەمدىلا خۇش پۇراقلىق  كۇچا چوڭ نېنى تونۇردىن چىقىدۇ. يېڭى يېقىلغان ئىسسىق نانغا ئېغىز تەگكەندە كىشىگە ئىللىق قۇياشتىن ھۇزۇرلانغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت دۇردانىلىرىدىن بولغان ئۆزگىچە يېمەكلىك ناننىڭ تەمى پەقەت ناننىڭ تەمىلا ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشنىڭ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ تەمى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى