ئۈرۈمچى شەھىرى شىچىخۇ يولىنىڭ جەنۇبقا ئۇزارتىلغان بۆلىكىدە سىناق قاتناش باشلاندى
مۇھەررىر :
بۇئايشەم راخمان
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/11/06 18:43
شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ ئەتراپىدىكى شىچىخۇ يولىنىڭ جەنۇبقا ئۇزارتىلغان بۆلىكىدە نۆۋەتتە سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاندى. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار يول بەلگىسى، ئاگاھلاندۇرۇش چىرىقى ئورنىتىش قاتارلىق ئاخىرقى خىزمەتلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن يول رەسمىي ئېچىۋېتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يول قوش يۆنىلىشتە تۆت ئاپتوموبىل قاتنىيالايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، يولنىڭ ئىككى يېنىدا تۆت مېتىر كەڭلىكتىكى پىيادىلەر يولى بار ئىكەن.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر :
نىجات نىياز
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.