تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا 11-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇنجى تېيىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

  

     شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئاممىۋى ساياھەت قار تېيىلىش يولى ــ «جىنگۇاڭ(ئالتۇن نۇر) يولى» پات ئارىدا شىنجاڭدا مەيدانغا كېلىدۇ. مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇنجى تېيىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن.

  كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ 1-نومۇرلۇق قار تېيىلىش يولى ئولىمپىك ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى تەلەپكە يېتىش ئەڭ تەس بولغان ئېگىز تاغدىن سىيرىلىپ چۈشۈش تۈرىنىڭ مەيدان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تېيىلىش ئۇزۇنلۇقى 9.5 كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئاممىۋى ساياھەت قار تېيىلىش يولى ھېسابلىنىدۇ.

ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش