تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىغا 2-قارارلىق رېلىس ياتقۇزۇش باشلاندى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: قاراماي-چۆچەك تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ 1-قارارلىق رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانغاندىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 2-قارارلىق رېلىس ياتقۇزۇش باسقۇچىغا كىردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ 1-قارارلىق رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى باشلانغان بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار كۈنىگە ئۈچ كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن قاراماي بەيكۇچۈەندىن چۆچەك تېچاڭگۇ بازىرىغىچە رېلىس ياتقۇزۇپ، ئىككى ئايدا 1-قارارلىق 100 كىلومېتىر يولغا رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى تاماملانغان. 2-قاراردا تېچاڭگۇ بازىرىدىن چۆچەككىچە بولغان 173.12 كىلومېتىر يولغا رېلىس ياتقۇزۇلىدىغان بولۇپ، ھازىرقى سۈرئەت ۋە ھاۋارايى تەسىرىدىن قارىغاندا، كېلەر يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى تاماملىنىشى مۆلچەرلەنگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇق 272.79 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 4 مىليارد 669 مىليون مەبلەغ سېلىنغان، 2014-يىلى 4-ئايدا ئىش باشلانغان، ئومۇمىي لىنىيەدە 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناش باشلاش پىلانلانغان بولۇپ، يول پۈتكەندىن كېين، قاراماي-چۆچەك ئارىلىقىدا پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى