تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، قەتئىي ھالدا باش نىشاننى قوغدايمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەنۋەر ئايمەت

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلەيدىغان بولساق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىدە ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق بەرپا قىلدى، شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. لېكىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تارىخىي پاكىتنى نەزەرگە ئالماي، يالغان سەپسەتىلەرنى تەرغىب قىلىپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، ئۇ يەر – بۇ يەرلەردىن ئۈزۈۋېلىپ نەقىل كەلتۈرۈپ، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، دۆلەتنى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ جىنايى سۇيىقەستى پۈتۈنلەي جۆيلىگەنلىك، ئەخمىقانە خام خىيالدۇر.

  مەن پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىن قەدەممۇقەدەم ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم. مەن چىن كۆڭلۈمدىن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن، پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشى بولمىسا، مېنىڭ ھازىرقى كۈنۈم بولمايتتى، بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. مەن باشتىن – ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلىمەن.

  شىنجاڭ تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيە جەھەتتە ئېتىقادىمنى چىڭىتىمەن. شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى دۆلىتىمىز تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تومۇرى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدە چىن، خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن تارىخىي ئەنئەنە ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىك. خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ، شىنجاڭ رايونى جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا رەسمىي ئايلانغانىدى، جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىشى داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ياخشى جاينىڭ ھەممە يېرىدە ياخشى مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق تارىختىن بۇيان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئاساسىي قوشۇنى بولۇپ كەلدى. شۇڭا بىز شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى باشتىن – ئاخىر ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق››تا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  داۋاملىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تونۇشنى مەنبەدىن ساپلاشتۇرىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، بىزنىڭ گۈزەل يۇرتىمىزدا كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان بىر قىسىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىز ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدىكى ھېسسىيات ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇپ كەلدى. مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش سۇيىقەستىدە بولۇشتەك جىنايى مەقسىتى ۋە ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەيمەن. ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشىمىز، باشتىن – ئاخىر سۆزىمىز بىلەن ھەرىكىتىمىزنى، ئىچىمىز بىلەن تېشىمىزنى بىردەك قىلىشىمىز، باشتىن – ئاخىر ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە تارىخىي بۇرچ قىلىشىمىز، قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

  باشتىن – ئاخىر جان – دىلىم، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خىزمەت قىلىپ، ھەرىكەتتە يېتەكچى ۋە ئۈلگە بولىمەن. سىياسىي مەيدانىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، يۈكسەك ھوشيار بولىمەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولىمەن، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولىمەن، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش، دائىملاشقان مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇش ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىمەن، مۇداپىئەنى قاتتىق چىڭىتىپ، جەڭ قىلىشقا ھەر دائىم تەييار تۇرىمەن، دۈشمەن كۈچلەرگە قىلچىمۇ پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەيمەن. سىياسىي ئىرادەمنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، تەۋرەنمەيمەن، بوشاڭلىق قىلمايمەن، ئىككىلەنمەيمەن، شەكىلۋازلىق قىلمايمەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىمەن. ئەۋزەللىكىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن، چىن ھېسسىياتىم بىلەن ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشىغا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە يېتەكلەپ، كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق يۇرت – ماكانىمىزنى بىرلىكتە ياخشى قوغدايمەن.

  شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولساقلا، ۋەتەننى پارچىلاشقا ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق قىلمىش ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مەن باشتىن – ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى