تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايلى

  فۇكاڭ شەھىرى گەنخېزا بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما چياڭ

  مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولغان ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ياش، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر. ئوقۇشتىن تارتىپ خىزمەتكە چىققۇچە، باشتىن – ئاخىر پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشتىم، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە يېتىشتۈرۈشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم.

  شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تۇرمۇشىمىزدا بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردىن ئازادە بىنا ئۆيلەرگىچە، ئوڭغۇل – دوڭغۇل توپا يوللاردىن تەرەپ – تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارغىچە، چەكسىز چۆل – باياۋاندىن بوستانلىقلارغىچە، ئادەمزاتسىز قاقاسلىقلاردىن ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، داۋالاش كاپالىتى، تۇرالغۇ تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئەمەلىي بولغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىكىم ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغانلىقىم ئۈچۈن، مېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن بۇ ئوتلۇق تۇپراقنى تېخىمۇ چوڭقۇر سۆيىمەن، پارتىيە ۋە دۆلەتكە چىن كۆڭلۈمدىن تېخىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. بىراق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. مەن بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر، بولۇپمۇ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىشنى ئاۋۋال ئۆزۈمدىن باشلاپ، غايە – ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، قەتئىي ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى پائال ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. بولۇپمۇ خاتا گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، نورمالسىز ئەھۋاللارنى كۆرگەندە، خاتا ئىدىيەلەرنى بايقىغاندا، باشقۇرۇشنى خالايدىغان، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، باشقۇرالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى رەھبەر، تارماقلارغا ئىنكاس قىلىپ، بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسىمەن.

  ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلامچى بولۇپ ئائىلەمنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئۈلگە بولىمەن، ئائىلەمدىكىلەرگە كۈندىلىك تۇرمۇشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق گەپلەرنى كۆپرەك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، تىرىشىپ ياخشى ئائىلە ئىستىلى يارىتىمەن. ئۆزۈمدىكى ئاكتىپ كۈچ ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، تەسىر كۆرسىتىپ، يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداپ، جەمئىيەتكە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئاكتىپ كۈچنى پائال تارقىتىمەن.

  شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەر مىللەت خەلق قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، گۈللىنىشنى، تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، گۈللىنىشىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ؛ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىردەك ئىتتىپاقلاشقان ھەر مىللەت خەلق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە شىنجاڭدا پۇت دەسسەپ تۇرغۇدەك ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەيدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق، گۈللەنگەن شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىقتىدارىمىز بار، ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان دۈشمەن كۈچلەرنى ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىپ، قەتئىي ھالدا بۇ سۆيۈملۈك ئوتلۇق تۇپرىقىمىزنى ياخشى ساقلاشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى