تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ياخشى ھۆرمەتلىگەنلىك ۋە قوغدىغانلىق››

  ــــ شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيەدە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: شىرىلداپ ياغقان كۈز يامغۇرى جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىنى نەملىدى، يامغۇردىن كېيىنكى رەڭگارەڭ دەرەخ يوپۇرماقلىرى كۈز تۈسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن 50 نەچچە مۇتەخەسسىس، ئالىم خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركەزلىرىگە بېرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلار كۆرۈشۈش ئۆيىدە مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئىشىكتىن كىرىپلا ئىللىق، خۇشال كەيپىياتتىن تەسىرلەندى ــــ تەربىيەلەنگۈچى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مېۋە يېگەچ پاراڭلىشىۋاتقان بولۇپ، كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى. تەربىيەلەنگۈچى شەپقەت ئەنۋەر مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتى ناھايىتى ياخشى، مەن بېلىق دۈملىمىسىگە بەك ئامراق. سىنىپ، ياتاقلىرىمىزدا ھاۋا تەڭشىگۈچ بار، بىز خاتىرجەم بىلىم ئۆگىنەلەيمىز.

  ‹‹بىز تەربىيەلەنگۈچىلەر ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈلكىسىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ئۇرغۇپ چىققانلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئۇلار تەشەببۇسكار ھالدا تىل ۋە كۆز ئىپادىسى ئارقىلىق بىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، بۇ ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ بارغانسېرى ئوچۇق، ئۈمىدۋار بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ››، دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا دىن تەتقىقات ئورنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، تەتقىقاتچى جاۋ ۋېنخۇڭ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيەسى كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدىغان تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ياخشى ھۆرمەتلىگەنلىك ۋە قوغدىغانلىق. تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇش جەريانىدا ھەم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر – قىممىتىگە باراۋەر مۇئامىلە ۋە ھۆرمەت قىلىنىپتۇ، ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئەتراپلىق غەمخورلۇق قىلىنىپتۇ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كۈلكىسى ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  ‹‹مۇقىم جەمئىيەتتە ياشاشنىڭ ئۆزى بەخت، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ھېس قىلىشنىڭ ئۆزى بەخت...›› خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىدىكى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى دەرسخانىسىدا، تەربىيەلەنگۈچىلەر يۇقىرى ئاۋازدا تېكىست ئوقۇۋاتاتتى. دەرسخانا ئىسسىق، يورۇق بولۇپ، دېرىزە تەكچىسىدىكى ئون نەچچە تەشتەك لۈلو ناھايىتى ياخشى ئاينىغانىدى. پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، مۇتەخەسسىس، ئالىملار تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ بىر قەدەر راۋان پۇتۇڭخۇادا ئۆزىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش جەريانى، ھازىر خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانغانلىقى ۋە پۇشايمان قىلغانلىقى، شۇنداقلا كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدى.

  مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى باشقۇرۇش ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئىگىلەش تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە راۋان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ؛ كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئۇلارنى ئائىلىسىنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىشىشىگە، تېز راۋاجلىنىشىغا ياردەم قىلىشتىكى مۇھىم يول بولۇپ، بۇنىڭدا تېخىمۇ زور غەمخورلۇق نامايان قىلىنىپتۇ.

  مۇتەخەسسىس، ئالىملار كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىدىكى بىر نەچچە كارخانىنى زىيارەت قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ماھارەت سەۋىيەسى، كىرىم ئەھۋالىنى كۆيۈنگەن ھالدا سۈرۈشتۈردى. خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچى، توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ باشلىقى ئابدۇئەخەت ئىسمائىل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئايلىق كىرىمىم 6000 – 5000 يۈەنگە يېتىدۇ، تاپقان پۇلۇم بىلەن خوتۇنۇم، بالىلىرىمنى خاتىرجەم ئىشلەش، ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلدىم. ‹‹مائاشىم خوتۇنۇمنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى، خوتۇنۇم مېنى سىز بەك قالتىس! دەيدۇ›› دېدى ئابدۇئەخەت ئىسمائىل ھەم خۇشال بولغان، ھەم پەخىرلەنگەن ھالدا. مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي تەتقىقات يۇرتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىشېڭ كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققى كىرىمى ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، توختىماي بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى ئاساسلىقى يەنىلا سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، بۇنى ئادەمنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تەييارلىق كۆردى، ئاساس سالدى، بۇ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى.

  خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچى، 20 ياشلىق ئالىمجان مەمتىمىن مۇتەخەسسىس، ئالىملارغا مۇنداق دېدى: ئەگەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋالمىغان بولسا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. مەن خەۋپنى ئېنىق تونۇدۇم، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي قارشى تۇرىمەن. مەن قانۇننى بىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان پۇقرا بولىمەن.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مەسلىھەتچىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خې شىڭلياڭ مۇنداق دېدى: كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتى ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى. شىنجاڭدا ئۇدا 22 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىگەنلىكى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنى توسۇشنىڭ نەتىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يوقىتىشتىكى مەقسەت پۇقرالارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى قاتارلىقلارنى قوغداش ئۈچۈندۇر. ئەگەر جەمئىيەت تىنچ بولمىسا، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكى بىخەتەر بولمايدۇ، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

  ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات يۇرتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى لى ۋېي كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىنتايىن مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر توپىنى مەيلىگە قويۇۋېتىپ كارىمىز بولمىسا، ئۇلار ئاخىردا تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ ‹‹زەمبىرەك يېمى››غا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدىكى ئىجادىي ئۇسۇلى ئۇلارنى يار لېۋىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، يېڭى ھاياتقا يۈزلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى رايوننىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى تەجرىبە ۋە ئەقىل – پاراسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى