تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

NASA «لۇسى» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى يەتتە كىچىك سەييارىنى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ

«لۇسى» يۇپىتېر ئەتراپىدىكى تىرويان كىچىك سەييارىلەر توپىنى زىيارەت قىلىدۇ. (سەنئەتلىك سۈرەت، سۈرەتنى ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تورى تەمىنلىگەن)

    «لۇسى» 2021-يىلى 10-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ  ئۇ قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە مۇددىتى 12 ئاي بولغان سەپىرىنى باشلايدۇ. سەپەر جەريانىدا ئۇ كىچىك سەييارىلەر بەلبېغى ئىچىدىكى بىر ئاسمان جىسىمى بىلەن تىرويان كىچىك سەييارىلەر توپىدىكى ئالتە ئاسمان جىسىمىنى زىيارەت قىلىپ ئۆتىدۇ. تىرويان كىچىك سەييارىلەر توپى يۇپىتېر بىلەن بىر ئوربېتىدا بولۇپ، قۇياشنى بويلاپ بىللە ئايلىنىدىغان بىر توپ كىچىك سەييارىلەردۇر. «لۇسى» ۋەزىپىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى خال لېۋىسون مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ۋەزىپە ئىزچىل قۇرۇق گەپ ئىدى، ھازىر بىز ھەقىقىي ئىش باشلاپ، بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدۇق». 

    سەپەر جەريانىدا «لۇسى» قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان جايلاردىن ئۆتىدىكەن. ئالدى بىلەن، 2025-يىلى «لۇسى» مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىدىكى كىچىك سەييارىلەر بەلبېغىدا توختاپ، ئاندىن داۋاملىق يۇپىتېر تەرەپكە يۈرۈش قىلىدىكەن، 2027-2033-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «لۇسى» ئالتە كىچىك سەييارىنى يانداپ ئۇچىدىكەن، بۇلار ئوخشىمىغان تۈردىكى ئۈچ كىچىك سەييارە بىلەن ئۆزئارا ئايلىنىدىغان ئىككى كىچىك سەييارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    ئەگەر «لۇسى» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلسە، ئۇ NASAنىڭ كىچىك سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش جەمەتىنىڭ بىر يېڭى ئەزاسىغا ئايلىنىدىكەن. بۇ جەمەتنىڭ ئەزالىرى ئەمدىلا ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، سېرېرا ۋە ۋېستانى تەكشۈرگەن «تاڭ سەھەر» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن «بېنو» ناملىق كىچىك سەييارىگە ئەمدىلا يېتىپ بارغان تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى