تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىش كېرەك

ـــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، زېھنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىش تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئاچقۇچ.

  ‹‹قىيىنچىلىق، خىرىس ئالدىدا، بىز پايدىلىق شارائىتلارنى كۆرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك››. يېقىندا ئېچىلغان پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىگە بولغان پايدىلىق شارائىتلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، تىجارەتنى ياخشى قىلىپ تەرەققىي قىلىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ خەۋپ – خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچى ۋە غەيرىتىگە ئىلھام بەردى.

  ئومۇمىي جەھەتتىن سىلىق، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشتى، شەھەر – بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 11 مىليوندىن ئاشتى، مۇلازىمەت كەسپى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا بولغان تۆھپىسى% 60.8 كە، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا بولغان تۆھپىسى% 78 كە يەتتى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئېنىقسىزلىقلار كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، تۆۋەنلەش بېسىمى سەل – پەل زورىيىپ، كارخانىنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقى كۆپەيدى. شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك، ئىچكى قىسىم ۋە تاشقى قىسىم قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئورتاق رول ئوينىشىنىڭ نەتىجىسى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى مەسىلە. پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىشىغا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىگە بولغان نۇرغۇن پايدىلىق شارائىتلاردىن كەلگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەھلىل بىزگە چوڭقۇر ئىلھام بەردى. ئىچكى قىسىمدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز غايەت زور تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىغا، يوشۇرۇن كۈچكە ۋە ئىمكانىيەت بوشلۇقىغا ئىگە، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپ نوپۇسنىڭ ئىچكى ئېھتىياج بازىرى بار؛ بىرقەدەر ياخشى بولغان تەرەققىيات شارائىتى ۋە ماددىي ئاساسقا ئىگە، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە؛ ئادەم كۈچى بايلىقى مول، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى يەنىلا روشەن؛ دۆلەت زېمىنى كۆلىمى بىپايان، يەر ئومۇمىي مىقدار بايلىقى مول بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ناھايىتى ياخشى بوشلۇق تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ساغلام، مۇقىم بولۇشتەك ئاساسىي تەرىپىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، ئۇزاق مۇددەت مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك ئومۇمىي ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولمىدى؛ ئۆزگىچە تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىك بار. تاشقى قىسىمدىن قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىدە جانلىنىش، ئەسلىگە قايتىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورتىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاندى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سېلىنما سودا ھەمكارلىقى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، تاشقى ئىقتىساد مۇھىتىمىزدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كەڭ ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولماسلىققا باھانىمىز يوق، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتماسلىققا باھانىمىز يوق.

  جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى پارتىيەمىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئىقتىساد پۈتكۈل ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىدىن كەلگەن. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ تاشقى مۇھىتقا يۈزلەنگەندە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە يۈزلەنگەندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقى كۆپەيگەن، ئىچكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىنى ئۆستۈرۈش پۇختا ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ‹‹مۇقىم›› بولدى، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، رايونلارنىڭ ماس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچەيدى، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، بۇلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى، پارتىيەمىزنىڭ مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى، بۇ، دۆلىتىمىز كارخانا سانىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىشىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ شانلىق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋېلىشىگە چوقۇم تۈرتكە بولالايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىشەنچ ئەمەلىي نەتىجىدىن كېلىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا بىر مەھەل ۋە مەلۇم ئىشلاردا داۋالغۇش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇزاقتىن قارىغاندا يەنىلا شەرق شامىلى كۈچلۈك ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ رولىنى تېزدىن جارى قىلدۇرساقلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتى چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى