تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرىنى قارشى ئالدى

 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شاڭخەيدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرىنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ سۆز قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۈەنچى فوتوسى

  11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شاڭخەيدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرىنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: زىياپەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جى مىڭ، ليۇ خۇا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى كەچتە شاڭخەيدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرىنى قارشى ئالدى.

  كۈز پەسلىدىكى شاڭخەيدە سېرىق دارچىن خۇش ھىد چاچاتتى. رەڭگارەڭ پانۇسلار ئېسىلغان خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى ساھىلىدا، پەلەككە تاقاشقان ئىمارەتلەر بىر – بىرى بىلەن بوي تالىشىپ، رەڭگارەڭ چىراغلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ۋە گۈللىنىش مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. سائەت 6دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئارقا – ئارقىدىن شاڭخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىگە يېتىپ كەلدى. قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن ئۆسمۈرلەر، بالىلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، جاي – جايلاردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شادىيانە مەرھابا مۇزىكىسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شاڭخەي جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىساد مەركىزى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ، ھەم يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق تارىخىي مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى، ھەم جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىق جانلىق سەھىپىسىنى ياراتتى. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ. بۇ ئادەتتىكى كۆرگەزمە ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور قارارى، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنياغا بازارنى ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرى. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى شاڭخەيگە يېڭى گۈزەللىك ۋە شەرەپ ئاتا قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەتە، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى رەسمىي باشلىنىدۇ. كەلگۈسى ئالتە كۈندە، بەش چوڭ قىتئەدىن كەلگەن 172 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات دۇنياغا تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتناشقان 3600دىن ئارتۇق كارخانىسىمۇ جۇڭگونىڭ چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن تولۇق ئۇدۇللىشىپ، كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدۇ، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلار خەلقئارا ئىقتىساد – سودا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ، كىشىنى تەقەززا قىلىدىغان كاتتا مەرىكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن دوستلارنى مول نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى جەزمەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارالىق كۆرگەزمىگە ئايلىنىپ، خەلقئارا ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  زىياپەت شاد – خۇرام، ئىناق كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى دوستانە ھەمكارلىق ئۈستىدە ئەركىن – ئازادە پاراڭلىشىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا، دۇنيانىڭ تېخىمۇ تىنچ بولۇشى، گۈللىنىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  دىڭ شۆشياڭ، لى چياڭ، ياڭ جيېچى، خۇ چۈنخۇا، خۇاڭ كۈنمىڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.