تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يۈرەك سانجىقى بولغاندا بەدەندە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

 

  يۈرەك سانجىقى بولغاندا بەدەندە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ نەنفاڭ تېببي داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا يۈرەك قان تومۇرى ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېن ئەننا بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: يۈرەك سانجىقى قان، ئوكسېگىن ئىزچىل كەمچىل بولۇش(تاجىسىمان ئارتىرىيە فۇنكىسىيەسى تولۇق بولماسلىق) سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان يۈرەك مۇسكۇلى نېكروزلىشىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل. بىراق، مەيلى قايسى تۈردىكىسى بولسۇن، يۈرەك سانجىقى بەدەندىكى قان ياكى ئوكسېگىنىڭ «ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتقانلىقىدىن» بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ناۋادا مەيدە ئاغرىش، ئاشقازان ئاغرىش، چىش ئاغرىش، بويۇن تارتىشىش، سول يۇقىرىقى مۈچە رادىيوئاكتىپلىق ئاغرىش، ھەم  شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش، نەپىسى قىسىلىش ياكى نەپەس ئېلىش قىينىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.

  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەھۋالى سەل ئېغىر بولغانلار چوقۇم 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون ئۇرۇپ جىددىي قۇتقۇزۇشنى ساقلىشى كېرەك ئىكەن، ھەرقانداق يۆتكىلىش يۈرەك خىزمىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، شۇڭا، قۇتقۇزۇش كۇمىلىچى (جيۇشىنۋەن) نى يەپ، جايىدا مىدىرلىماي يېتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشنى ساقلاش زۆرۈر ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى