تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كىچىك تەرەت پۇرىقى كۈچلۈك بولۇشنىڭ سەۋەبى

  بەزىدە كىچىك تەرەت پۇرىقىنىڭ ئادەتتىكىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل سەۋەبلىرى بار.

  1. ئالاھىدە يېمەكلىك سەۋەبىدىن. لۇسۇن، پىياز، سامساق قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئىستېمال جەريانىدا گۈڭگۈرتسىمان بىرىكمە ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ. ھەزىم قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن پۇراقمۇ يوقايدۇ.

  2. دورا سەۋەبىدىن. دىيابېت، رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دورىلار كىچىك تەرەتنىڭ پۇرىقىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچىش پۇراقنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ياخشى ئۇسۇل بولۇپ، ئەگەر سۇ ئىچسىمۇ كىچىك تەرەتنىڭ پۇرىقىدا ئۆزگىرىش بولمىسا دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك.

  3. ئىچ سۈرۈش سەۋەبىدىن. ئىچ سۈرۈش جەريانىدىمۇ كىچىك تەرەتتە پۇراق پەيدا بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بۇنداق چاغدىمۇ سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك.

  4. سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن. سۈيدۈك يولىدىن يۇقۇملىنىش باكتېرىيە، يىرىڭ، ھەتتا قان سۈيدۈك يولىدا يىغىلىۋېلىش سەۋەبىدىن غەيرى پۇراق پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا باكتېرىيەگە قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  5. جىگەر سەۋەبىدىن. جىگەر زەخمىگە ئۇچراش ياكى جىگەر ئىقتىدارى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بەدەندىكى زەھەر سىرتقا چىقىپ كېتەلمەي قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىچىك تەرەتتە ئۆزگىرىش بولىدۇ.

  6. دىيابېت كېسىلى سەۋەبىدىن. قاندىكى شېكەر مىقدارى ئۆرلەپ كەتكەندە كىتون ماددىسى كىچىك تەرەتكە كىرىپ، كىچىك تەرەتنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

  7. دوۋساق ياللۇغى سەۋەبىدىن. دوۋساق ياللۇغى باكتېرىيە سەۋەبىدىن بولىدۇ، باكتېرىيەگە قارشى داۋالاش قىلىش زۆرۈر.

  8. مەزى بېزى ياللۇغى سەۋەبىدىن.

  9. سىستىنلىق سۈيدۈك كېسىلى سەۋەبىدىن. بۇ بىر خىل ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، سىستېئىن گۈڭگۈرتنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە كىچىك تەرەتنىڭ پۇرىقى ئۆزگىرىدۇ.

  10. يۇقىرى مېتىل گۈڭگۈرتلۈك ئامىنو كىسلاتالىق قان كېسىلى سەۋەبىدىن. قان تەركىبىدىكى ئاممونىي كىسلاتا___ مېتىئونىن ئۆرلەپ كەتكەندە كىچىك تەرەتتە غەيرىي پۇراق پەيدا بولىدۇ.

  11. ئاشقازان-ئۈچەي ئاقمىسى سەۋەبىدىن. ھەزىم يولى ئاقمىسى ھەزىم قىلىش يولىدىكى بىنورمال ئېغىز بولۇپ، ھەزىم قىلىش يولىدىكى نەرسىلەرنى ئۈچەي ئارقىلىق باشقا يوللارغا ئۇزىتىدۇ. دوۋساققا كىرگەن ھەزىم سۇيۇقلۇقى دوۋساقنى يۇقۇملاندۇرۇپ، سۈيدۈك يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىچىك تەرەتتە گۈڭگۈرتتەك پۇراقنى پەيدا قىلىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى