تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقىنى توغرا تونۇش كېرەك

  ——باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئىشەنچ ئاجىزلاپلا كەتمىسە، چارە ھامىنى قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، ئون كارخانىچىلار ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا پۇقراۋى كارخانىچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۆۋەتتە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا رېتسېپ يېزىپ بەردى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى كۈچەپ قوللاش توغرىسىدىكى ئالتە تەرەپتىكى سىياسەت – تەدبىرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىشەنچىسىگە ئىنتايىن چوڭ ئىلھام بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى روھىنى كۈچلۈك ئۇرغۇتتى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ كەلدى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يۆلەك بولىدىغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يىلدىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىرنى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بەزى پۇقراۋى كارخانىلار ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە يولۇقتى، بەزى پۇقراۋى كارخانىچىلار بۇنى ‹‹ئۈچ چوڭ تاغ››قا يولۇقتۇق دەپ سۈپەتلىدى: بازاردىكى مۇز تاغ، پۇل مۇئامىلىدىكى ئېگىز تاغ، تىپنى ئۆزگەرتىشتىكى يانارتاغ. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، نۆۋەتتە بەزى پۇقراۋى ئىگىلىك دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ئەمەلىي، ھەتتا ئىنتايىن كەسكىن، جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقىنى توغرا تونۇغاندىلا، قاراتمىلىق ھالدا قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

  پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقىنى توغرا تونۇش ئۈچۈن، قىيىنچىلىقنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. نۆۋەتتە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى كۆپ تەرەپلىك بولۇپ، تاشقى ئامىل ۋە ئىچكى ئامىل، ئوبيېكتىپ سەۋەب ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەب قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق زىددىيەت، مەسىلە ئۇچراشقانلىقنىڭ نەتىجىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇھىتتىكى ئۆزگىرىش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆزگىرىشى، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى نەقلەشمەسلىك قاتارلىق تەرەپلەردىن چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلاپ، كىشىگە چوڭقۇر ئىلھام بەردى. تاشقى جەھەتتىن قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش مۇساپىسىدە خەۋپ – خەتەر كۆپ، پۇقراۋى كارخانىلار دۆلىتىمىز ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %45ىنى ئىگىلىگەن، بەزى پۇقراۋى ئېكسپورت كارخانىلىرى مۇقەررەر تەسىرگە ئۇچرايدۇ؛ دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، كارخانىلارغا جەزمەن تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بېسىمى ئېلىپ كېلىدۇ، قىسمەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە يولۇقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇ ئوبيېكتىپ مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن ئۇزاق مەزگىللىك بېسىم تەڭشەش؛ سىياسەت مۇھىتىدىن قارىغاندا، بىز ئوتتۇرىغا قويغان پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت – تەدبىر ناھايىتى كۆپ، لېكىن كۆپىنچىسى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەبىمۇ بار، بەزى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تىجارىتى بىرقەدەر يىرىك بولۇپ، قېلىپلاشماسلىق، مۇقىم، ساغلام بولماسلىق، ھەتتا بەلگىلىمىگە، قانۇنغا ئۇيغۇن بولماسلىق مەسىلىلىرى مەۋجۇت، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە مۇقەررەر ناھايىتى زور بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ.

  پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقىنى توغرا تونۇش ئۈچۈن، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، بۇ قىيىنچىلىقلار تەرەققىيات داۋامىدىكى قىيىنچىلىق، ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى مەسىلە، ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدىكى باش قېتىمچىلىقى، بۇلارنى تەرەققىيات داۋامىدا چوقۇم ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمى ئاساسىي قانۇنغا، پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ ئۆزگەرمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىشكىمۇ بولمايدۇ، بارلىق پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار تامامەن خاتىرجەم بولسا، خاتىرجەم تەرەققىي قىلسا بولىدۇ. ھازىر، بەزى تارماق ۋە جايلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى زور سىياسەت – فاڭجېنلىرىغا بولغان تونۇشى نەقلەشمىگەن، خىزمەتتە تېگىشلىك بولمىغان سىياسەت پەرقى مەۋجۇت، مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداش، بازار رىقابىتىگە باراۋەر قاتنىشىش، ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنى باراۋەر ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە ئىنتايىن زور پەرق بار. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، جايلار، تارماقلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يەنىمۇ ھەل قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىككە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات داۋامىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى قوللاپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارمۇ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، دىققەتنى ئوقەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي كەسىپنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بوران–چاپقۇندا ئېلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ‹‹مەن ئىشىنىمەنكى، بىز تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن–سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، پۇقراۋى ئىگىلىك جەزمەن تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.›› باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنى رىغبەتلەندۈردى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ئېنىق تەلەپ قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ئالتە تەرەپتىكى سىياسەت–تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ياخشى تۇتىدىغانلا بولساق، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكى چوقۇم تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلىنىپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ياشاش ئىقتىدارى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.