تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قاتتىق مۇشت ئېتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس پاكىز قېزىپ چىقىمەن

 قومۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەكرەم يۇنۇس


    نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم، كەيپىيات كۆتۈرەڭگۈ بولماقتا، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئاشتى، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىدۇر، كىشىلەر قەلبىنىڭ مۇقىملىققا، تىنچلىققا تەلپۈنۈشى ئەلرايىنىڭ يۈزلىنىشىدۇر.
    شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئەمما ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىش ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق. كەڭ كادىرلار، ئامما قانلىق ۋە خەتەرلىك بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ سىنىقىدا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى مەقسىتى ۋە ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇدى، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەمما، يەنىلا بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ تونۇشى مۈجمەل، ھەرىكىتى سۇس، ئۇلار ئۆزىگە ئىش تېپىۋېلىشتىن قورقۇپ، ‹‹پەي-قانات››ىنى ئاسراۋاتىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىن ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇ خىل ئەھۋالنى قەتئىي قاتتىق ئەيىبلەيمەن. بىز ئاچقۇچلۇق پەيتتە ھەر ۋاقىت كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ياخشى ھالەت، تېخىمۇ قاتتىق ئىستىل ئارقىلىق قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ زور زىيىنىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› باشتىن-ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ كەلگەن زەھەرلىك ئۆسمە، ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ۋەتىنىمىزنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي قارشىلىشىشقا قۇترىتىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا بىر خىل سۆزلەپ، ئارقىدا ئاستىرتىن يەنە بىر خىل ئىش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئەسكىلىك قىلدى، بەزىلىرى ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ۋەقە تۇغدۇردى؛ بەزىلىرى زوراۋان – تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈردى، ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى بىۋاسىتە تەشكىللىدى، پىلانلىدى، ئۇلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئۇزاققا سوزۇلغان، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئېغىر. بىز ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى غالجىرانە ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ چەكتىن ئاشقان قەبىھلىكى، ئىنتايىن خەتەرلىكلىكىنى ھەقىقىي ئېنىق كۆرۈپ يېتىشكە؛ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئەتراپىمىزدا ئىكەنلىكىنى، كادىرلار قوشۇنىمىزغا يوشۇرۇنغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشقا تەربىيەلىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك. بىز كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، باتۇرلۇق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، يۇرت – ماكانىمىزنىڭ ئىناق، ئەمىنلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك.
    قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق قول بولۇشىمىز، قاتتىق مۇشت ئېتىشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي، كەسكىن، قاتتىق زەربە بېرىش ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىغانلىق ۋە چەكسىز قىزغىن سۆيگەنلىك. بىز چوقۇم ھەر ۋاقىت مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى چىڭىتىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئۇزاق مەزگىللىك كۈچ سىنىشىشتا ھەرگىزمۇ قىلچە بوشىشىپ قالماسلىقىمىز، بىخۇدلۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك. باشتىن – ئاخىر ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. باشتىن – ئاخىر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، قاتتىق قول بولۇپ، قاتتىق مۇشت ئېتىپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكتىن تۇتۇپ، تېز تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئۈستۈنلۈك شاھمىتىنى ياخشى ئويناپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي زەربە بېرىش، دەل زەربە بېرىشنى يولغا قويۇپ، بىرمۇ ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماي، بىرمۇ يوشۇرۇن خەۋپنى قويۇپ بەرمەي، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك.
    قەتئىي ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاكىز قېزىشىمىز، پاكىز يوقىتىشىمىز كېرەك. بىر تەرەپتىن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى دەل پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر تۈركۈم ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تارتىپ چىقىرىلدى، ئەمما يەنە بەزى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەتراپىغا يوشۇرۇنغان. ئۇلارنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر يوشۇرۇنۇشىدىن، قانداق نەيرەڭ ئىشلىتىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈشىمىز، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي پاكىز يوقىتىشىمىز كېرەك. بىز باشلامچىلىق بىلەن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پەرقلەندۈرۈپلا قالماي، تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەت ۋە قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان ئىرادىگە تېخىمۇ ئىگە بولۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاكىز قېزىش، پاكىز يوقىتىشنى سىنتاش قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان سادىقلىقىمىزنى ئوچۇق جاكارلاپ، سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، بايراقدار بولۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەلتۆكۈس پاكىز قېزىپ چىقىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ غايەت زور بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، شىنجاڭدىكى ھەربىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى. بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باشتىن – ئاخىر قەتئىي مەيدانىمىزنى ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئاممىنى ئەتراپىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىش، ئېچىپ تاشلاش ۋە چوڭقۇر قېزىشقا كەڭ، چوڭقۇر ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ، يوشۇرۇنغىدەك جاي قالدۇرماي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى