تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ دومىنىكا زۇڭتۇڭى مېدىنا بىلەن سۆھبەتلەشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر ليۇ خۇا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى خەلق سارىيىدا دومىنىكا زۇڭتۇڭى مېدىنا بىلەن سۆھبەتلەشتى.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېرىم يىل ئىلگىرى، زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئوچۇق ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى ۋە قەتئىي سىياسىي ئىرادىسى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدا كەسكىن ھۆكۈم چىقارغانىدى. سىزنىڭ بۇ قارارىڭىز دەۋر ئېقىمىغا ۋە تارىخىي مۇقەررەرلىككە ماسلاشقانلىق بولۇپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق دوست تۇتتىڭىز. جۇڭگو خەلقى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو بىلەن دومىنىكا ئەمدىلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، قەلبىمىز ئاللىبۇرۇن بىرلىشىپ بولغان. جۇڭگو بىلەن دومىنىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان ياخشى ھەمراھىدىن بىرى كۆپەيدى. جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، جۇڭگو – دومىنىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى تېخىمۇ ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت – سائادەت يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. تارىخ ۋە پاكىت جۇڭگو بىلەن دومىنىكانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلغانلىقىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن دومىنىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشتەك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، چەكسىز كەڭ ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-دومىنىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇپ يېتەكلەش كېرەك. كارخانا سۇبيېكتى، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكى، بازار ھەرىكىتى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، ساياھەت، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ مەن بىلەن بىللە تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن، دومىنىكا تەرەپنىڭ بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمەن. ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە، ھۆكۈمەتتىن تارتىپ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىغىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئەلئاراغىچە بولغان ئالاقىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-دومىنىكا ھەمكارلىقىغا پايدىلىق بولغان كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا تەرەپ بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى بويىچە تەربىيەلەش، تەنھەرىكەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ھەم دومىنىكا تەرەپكە داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىشنى خالايدۇ. خەلقئارا ئىشلاردا ماسلاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا تىنچلىقنى ۋە خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كارپ دۆلەتلىرى ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تەۋە، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۆزئارا تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە. جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ھەمكارلىقى دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە تاللىشىدۇر. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىش بولۇپ، ئەلۋەتتە لاتىن ئامېرىكىسىغىمۇ ئېچىۋېتىلگەن. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىقتۇر. جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
    مېدىنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دومىنىكا بىلەن جۇڭگو ئەمدىلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، دومىنىكا خەلقى ئىزچىل جۇڭگو خەلقىگە ياخشى تەسىراتتا بولۇپ كەلدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە، بولۇپمۇ يۈز مىليونلىغان خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقىغا قايىل. دومىنىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى دومىنىكانىڭ ئۆز مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن. دومىنىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان قويۇق دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. دومىنىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
    سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.
    سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مېدىنانى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى، ۋەن ئېشياڭ، ۋاڭ يى، لى بىن، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.