تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان بىلەن كۆرۈشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر ليۇ خۇا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى خەلق سارىيىدا پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن كۆرۈشتى.
    شى جىنپىڭ ئىمران خاننىڭ جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولغانلىقى ھەم تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-پاكىستان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئۆزئارا قوللىشى، قويۇق ھەمكارلىشىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان ئالاھىدە دوستانە مۇناسىۋەت بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. جۇڭگو-پاكىستان ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.
    شى جىنپىڭ ئىمران خاننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملىق پاكىستان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى قىلىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى تەرىپلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر پاكىستاننى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىپ، پاكىستاننىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، پاكىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى پات-پات ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ ۋە كۆرۈشۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. تېخىمۇ زىچ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدا دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن تۈرلەرنى مۇستەھكەملەپ، كارىدور قۇرۇلۇشىنىڭ كەسىپلەر رايونى، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. 2019-يىللىق جۇڭگو-پاكىستان دوستانە شەھەر يىلى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ جانلىق ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ پۇختا خەۋپسىزلىك ئالاقىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ماسلىشىش ۋە ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
    ئىمران خان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، نامراتلارنى يۆلەش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو پاكىستاننىڭ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى، پاكىستان-جۇڭگو دوستلۇقى پاكىستاندا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. پاكىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. پاكىستان تەرەپ داۋاملىق جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
    ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.