تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىلەن تونگا پادىشاھى تۇپۇ VI ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

جۇڭگو بىلەن تونگا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى تونگا پادىشاھى تۇپۇ VI بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
    شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تونگا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈنسايىن كېڭەيدى. بۇ يىل 3 – ئايدا، سىز جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو – تونگا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردۇق. مەن جۇڭگو – تونگا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ھەر ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – تونگا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايمەن.
    تۇپۇ VI تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تونگا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقى كۈنسايىن كۈچەيدى. مەن جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشى، خەلقىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.