تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەت دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە كۈچ توپلاندى

2014–يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 1مىليون 848 مىڭ 300 نامرات ئازايدى


    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردە نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەكچىلەردىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 70 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپە ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان، بىر تۈركۈم نامرات ئامما يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشكەن. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىشتا زور تەدبىرلەر ئارقىلىق دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ ئېنىق كارتىنىسى.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە  مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا  ئالاقىدار يۈرۈشلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹دەل جايىدا بولۇش››تىن ئىبارەت بۇ ‹‹مۇھىم ھالقا››نى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە، دىققەتنى كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايون بويىچە نامرات كەنت 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 3671دىن 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 2054كە ئازىيىپ، نامراتلىشىش نىسبىتى 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %18.92تىن 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %11.57كە تۆۋەنلەپ، 2017 – يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ‹‹ياخشى››لار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
    ‹‹دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش›› تۇنجى قەدەم. ئاپتونوم رايونىمىز ئۇزاقتىن بۇيان نامراتلىق ئاساسىي سانى ئېنىق بولماسلىق، ئەھۋال ئايدىڭ بولماسلىق، ئارخىپ تۇرغۇزۇش، كارتا بېجىرىش ئۇچۇرى ھەقىقىي، چىن بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، يۆلەش ئوبيېكتىنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇش، كارتا بېجىرىش ئۇچۇرى سانلىق مەلۇماتىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىق ئاساسىي سانىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك نامرات ئاھالە ئۇچۇرى ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم ‹‹ئائىلىدە كارتا بولۇش، كەنتتە جەدۋەل بولۇش، يېزىدا تىزىملىك بولۇش، ناھىيەدە ئارخىپ بولۇش، ۋىلايەتتە توپلام بولۇش، ئاپتونوم رايوندا ئامبار بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇردى.
    ئاساسىي ساننى ئېنىقلاش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹يۆلەش ئوبيېكتى دەل جايىدا بولۇش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش دەل جايىدا بولۇش، مەبلەغنى ئىشلىتىش دەل جايىدا بولۇش، تەدبىرلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل جايىدا بولۇش، كەنتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئادەم ئەۋەتىش دەل جايىدا بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى دەل جايىدا بولۇش›› تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، ئادەمگىچە دەل جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
     ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئەمگەكچىلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن جەمئىي 90 مىڭغا يېقىن كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كەسىپلەر بويىچە يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، نامراتلارنى يۆلەيدىغان بىر تۈركۈم سېخ، ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇلۇپ، ئېغىر نامرات ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.
    2017 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇدا ئون يىلدا جەمئىي 20 مىليارد يۈەن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخسۇس فوندى ئاجرىتىپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى يولغا قويدى. بۇ يىل 5 – ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوبيېكتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن يېزا تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
    نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2014 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 1مىليون 848 مىڭ 300 نامرات ئازىيىپ، نامراتلارنىڭ ئازىيىش نىسبىتى %56.3كە يەتتى؛ 2017-يىلىلا 443 مىڭ 800 نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، 331 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 35 نامرات ناھىيەدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ 222 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %9.7 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى