تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 9 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 9 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا بۇ يىلدىن بۇيانقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، بۇ، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي ئانالىزى، ھۆكۈمى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى  سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىرىنچى، ۋەزىيەتنى توغرا تونۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، داۋاملىق مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاشتەك كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق كۆرۈپ يېتىپ، نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى توغرا تونۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يىلتىز تارتقۇزۇش، پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خىزمەت رىتىمى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، سىياسەت جەھەتتە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، دادىل نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ياخشى ‹‹قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى›› بولۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 9 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقىلنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۈنئىي ئەقىلگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقىلنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە، ھۆكۈم قىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، سۈنئىي ئەقىل پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ 1 –، 2 –، 3 – كەسىپلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. سۈنئىي ئەقىلنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارغا ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك، كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىپ، مەدەت بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۆھپىكارلارغا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغۇچىلارغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئورنى، رولىنى تولۇق تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹تۆت مۇھىم››، ‹‹ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك›› مۇھىم ھۆكۈمىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاشقا دائىر ئالتە جەھەتتىكى سىياسەت – تەدبىرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلار ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش داۋامىدا دۇچ كەلگەن بازار، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى گەۋدىلىك ياخشى ھەل قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يېقىن، ساپ، يېڭىچە ھۆكۈمەت – سودىگەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ھەم تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، سالماقنى ياخشى ئىگىلەپ، ھەم پائال رول ئويناپ، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دەۋا تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، ئاڭلاپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، كارخانا تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەش، پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىجارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋەتەننى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.
    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ‹‹ئىككىنى قوغداش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بويىچە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە رەھبەرلىكىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشنى كەڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك دەۋر باش تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش مۇساپىسىدە تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە قارىتىلغان ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ھەقىقىي تۈردە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىسىگە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىنى ئەڭ ئىشىنىشكە بولىدىغان ئۆز ئادىمىگە، سىردىشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
    يىغىندا يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ھەمدە 8 – نۆۋەتلىك بېيجىڭ شياڭشەن مۇنبىرى، 4 – نۆۋەتلىك ‹‹ئەرەب سەنئەت بايرىمى››غا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات، تەرەققىيات دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنىڭ توختاپ قالماسلىقى، ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ توختاپ قالماسلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.
    شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.