تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«خۇش پېئىللىق: شى جىنپىڭنىڭ تىل قۇدرىتى (دىپلوماتىيە تومى) » نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى. ‹‹خۇش پېئىللىق: شى جىنپىڭنىڭ تىل قۇدرىتى (دىپلوماتىيە تومى)›› ناملىق كىتاب يېقىندا شاڭخەي قاتناش داشۆسى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
    پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، مۇكەممەل نەزەرىيە سىستېمىسى، مول ئەمەلىيەت مەزمۇنى ۋە روشەن ئۇسلۇب-ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرۈلدى. مەزكۇر كىتابتا تىلنىڭ قۇدرىتى مەۋقە قىلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدە ئىشلەتكەن ئۆزگىچە تىلى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن، كىتاب مۇقەددىمە، ئوبرازلىق ئوخشىتىش قىسمى، ئۆرپ-ئادەت، شېۋە قىسمى، شېئىر-نەقىل قىسمىدىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى، ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى قاتارلىقلار يېشىپ بېرىلگەن، بۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە دىپلوماتىيە سەنئىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.