تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۆڭۈلنى توختىتىپ، خاتىرجەم ھالدا تەرەققىياتنى كۆزلەيلى

ـــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ‹‹دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان، تەۋرىنىدىغان ھەرقانداق سۆز – ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن – سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قۇلاق سالماسلىق، ئىشەنمەسلىك كېرەك! بارلىق پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار كۆڭلىنى توختىتىپ، خاتىرجەم ھالدا تەرەققىياتنى كۆزلىسە تامامەن بولىدۇ!››

  11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئېچىلغان پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشقانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، نۆۋەتتە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاشقا دائىر ئالتە جەھەتتىكى سىياسەت – تەدبىرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە قەتئىي ئىشەنچ ئاتا قىلدى، بۇ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئارىسىدا ئورتاق سادا قوزغىدى.

  دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيەنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە تەرەققىي قىلدى. 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سانى 27 مىليوندىن ئېشىش، يەككە سودا – سانائەتچىلەر 65 مىليوندىن ئېشىشتىن تارتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ‹‹5، 6، 7، 8، 9››لىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشقىچە، دۆلىتىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان كۈچكە ئايلاندى، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق ساھەگە، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم سۇبيېكتقا، دۆلەت باج كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، خەلقئارا بازارنى ئېچىش قاتارلىقلاردا مۇھىم رول ئوينىدى. ‹‹دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ يارىتىلىشىدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ!›› ‹‹پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار ئۆز ئادەملىرىمىز››، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جاراڭلىق، كۈچلۈك ئىدى، يېقىملىق، ۋەزىنىلىك ئىدى.

  كۆڭۈلنى توختىتىپ، خاتىرجەم ھالدا تەرەققىياتنى كۆزلەشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك››تە چىڭ تۇرۇش مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش قارىشى ئېنىق، ئىزچىل بولدى، ئەزەلدىن تەۋرىنىپ باقمىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى ئاساسىي قانۇنغا، پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇ ئۆزگەرمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ‹‹ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك››، بۇ ‹‹ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش››تا ھەرقانداق ۋاقىتتا بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىشىمىز ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن زىت ئەمەس، بەلكى ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك بىر – بىرىنى تولۇقلىشى، ئۆزئارا ماسلىشىپ ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈشى، ئەكسىچە بىر – بىرىنى چەتكە قاقماسلىقى، بىر – بىرىنى يوققا چىقارماسلىقى كېرەك.

  كۆڭۈلنى توختىتىپ، خاتىرجەم ھالدا تەرەققىياتنى كۆزلەشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئىلھام، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹ئۈچ ئۆزگەرمىدى››دەك مۇھىم ھۆكۈمنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى: ‹‹ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولى ئۆزگەرمىدى! بىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش فاڭجېن – سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى! بىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش فاڭجېن – سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى!›› بۇنىڭدىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، ئايرىم – ئايرىم لياۋنىڭ، گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتىن، پۇقراۋى كارخانىچىلارغا جاۋاب خەت يېزىشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئۈچ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ‹‹رېتسېپ يېزىپ بەردى››. 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچقاندا: پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ھەل قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بەردى ۋە مەدەت بەردى، بۇ نۇقتا ئۆزگەرمىدى، شۇنداقلا ئۆزگەرمەيدۇ. پۇقراۋى ئىگىلىك دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈمىنىڭ ئىچكى ئامىلى، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇساپە ئېچىش جەريانىدا، دۆلىتىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكى پەقەت زورىيىدۇكى، ھەرگىز ئاجىزلاپ كەتمەيدۇ، ئۇ ‹‹مەيداندىن ئايرىلمايلا›› قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

  پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى غايەت زور، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز. نۆۋەتتە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرسە ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىسە، يېڭى بىر ئەۋلاد پۇقراۋى كارخانىچىلار پېشقەدەم بىر ئەۋلادلارنىڭ جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، بۆسۈشكە ۋە ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىش، دىققەتنى ئوقىتىگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئاساسىي كەسىپنى ئىنچىكە ئىشلەش روھىغا ۋارىسلىق قىلسا ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرسا، دۆلىتىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكى چوقۇم تېخىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى