تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

يادرونى قوغداپ، مەركىزىي خىزمەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرەيلى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئەمەلىيەت كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىش ئىنتايىن ئاقىلانىلىك، تامامەن توغرا؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئاتقان يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت››ى مەركەزنىڭ تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىغا تامامەن ئۇيغۇن. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ‹‹يادرونى قوغداش، مەركىزىي خىزمەتكە مۇلازىمەت قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش››تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئېڭىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەتئىي ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قوغداپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ تەلىپى قىلىش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹سىياسىي مەسىلە ھەرقانداق ۋاقىتتا نېگىزلىك زور مەسىلە››، ‹‹ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار مەسىلىگە سىياسىي جەھەتتىن قاراشقا ماھىر بولۇپ، مەيداندا چىڭ تۇرۇشى، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلىشى كېرەك››. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەنىۋى تىرەك، كۈچ مەنبەسى، غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىدىيەۋى روھ، ئىلگىرىلەش مايىكى، ئىلمىي يېتەكچى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز؛ غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى باشتىن – ئاخىر تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، يادرونى قوغداش، يادروغا بويسۇنۇش، يادرونى مۇھاپىزەت قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە قەتئىي بىرلىككە كېلىپ، تونۇشتا قەتئىي بىردەك بولۇپ، تەدبىردە قەتئىي كۈچلۈك بولۇپ، ھەرىكەتتە قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا قەتئىي سىياسىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتمەي، سىياسىي مەيداندا تەۋرەنمەي، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئېغىشماي، باشتىن – ئاخىر سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ‹‹ئىككى قوشۇن››ىدىكى كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان كۆپكە زىيان سالىدىغان زىيانداشلارنى قەتئىي تازىلاپ، ‹‹ئىككى قوشۇن››دىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قوللىغان، قاتناشقان، تا ھازىرغىچە ئۆزگىرىشنى خالىمىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لىك قىلغۇچىلار، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لىك قىلغۇچىلار، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ سىياسىي كېڭەشكە كۆز بوياپ سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇندا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سادىقلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېتىقاد يىلتىزىنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەخلاق ۋە ئىستىلنى ياخشىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە قويغان تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مەركىزىي خىزمەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى››، ‹‹باشقا خىزمەتلەرنى مۇشۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك››. چېن چۈەنگو شۇجى بەنجاڭلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چەكسىز سادىقلىق ۋە كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنتايىن مۈشكۈل، مىسلىسىز كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولۇش، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولۇش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى بارلىققا كەلدى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇچ كەلگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› مەزگىلدە تۇرۇشتەك باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىك تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق. بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مەغلۇپ قىلىنمىسا، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ياخشى مۇھىتقا ئېرىشەلمەيدۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش قىلىپ، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە قانات يايدۇرۇپ، پارتكوم ئورۇنلاشتۇرۇش، سىياسىي كېڭەش ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتكوم تەلەپ قىلىش، سىياسىي كېڭەش ئاۋاز قوشۇش، پارتكوم كۆرسەتمە بېرىش، سىياسىي كېڭەش ھەرىكەتكە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى قەيەرگىچە ئالغا سىلجىتىلسا، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى شۇ يەرگىچە ئىلگىرىلىتىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››نى ياخشى قىلىش، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش››، ‹‹ئۈچ ھەمتۈرتكە بولۇش››تا چىڭ تۇرۇش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، ‹‹1 – شۇجى››لارنى تاللاپ ئەۋەتىش، كادىرلار مائارىپقا ياردەم بېرىش، كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش، ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› قاتارلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى كۆزلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى، سۇپا ئەۋزەللىكى، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى، ساھە ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سەمىمىي كېڭىشىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىشىمىز، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، گۇمانلارنى يېشىپ، كەيپىياتنى تەڭشەپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىشتە دىققەتنى چوڭ ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا ئەمەلىي ئىشقا ئەھمىيەت بېرىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشتا قىيىن ئىشقا يېقىندىن دىققەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي ئەقىل، ياخشى چارە، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، قەتئىي، كەسكىن ھالدا كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك كۈچىنى توپلاش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىي››، ‹‹خەلقنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولسا، ئەبەدىي ئەمىنلىك بولىدۇ؛ خەلقنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولمىسا، بالايىئاپەت ياندىن چىقىدۇ. خەلقنىڭ كۆڭلى مۇجەسسەملەنمىسە، ھەممە ئىش يوققا چىقىدۇ››. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشكە پائال يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى، ئىتتىپاق، بىرلىككە كەلگەن جۇڭخۇا مىللىتى جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق يىلتىزى. كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. بىز مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىدە، بىز ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنىڭ تەشكىللەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تىرىشىپ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسى تەربىيەسىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا زوقلىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىلىشىش داۋامىدا ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشىمىز، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئارازلىقنى تۈگىتىشىمىز، ئارىلىشىش داۋامىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  دۆلىتىمىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مول ۋە چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھەر مىللەت ئورتاق ياراتقان، ئۇ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق جېنى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە، جەزمەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىدە، بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، كېڭەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەردانە ھالدا جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ تارىخىنى ياخشى سۆزلەپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور مەسىلە، مۇھىم تارىخىي پاكىت، مۇھىم قاراشلارنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئېنىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشىمىز؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى ئارقىلىق دىننى يېتەكلەش، ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە، جەزمەن ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاكتىپ كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، توپلاش كېرەك. بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىدە، بىز دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش››نى كۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەيدىغان ئاساسىي ئوق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ توپلىشىمىز، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، باشلامچىلىق بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، مىللەتلەرنى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش داۋامىدا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا زوقلىنىش، گۈزەللىكلەردىن ئورتاقلىشىشقا يېتەكلەپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى