تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ سۇغىرىمەن

  چاغانتوقاي ناھىيەسى ئالتۇنئېمىل يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى جانات سېيىپقان

  يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، قەلبىمنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالدى.

  مەن چاغانتوقاي ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئېسىمنى بىلسەم، كىچىكىمدە ئۆيىمىز خەنزۇ، رۇس، شىبە، خۇيزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت قوشنىلار بىللە تۇرىدىغان ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئىدى، بالىلار ئازادە قورۇدا ئەركىن ئوينايتتۇق، كىمنىڭ ئۆيىدە يەيدىغان ياخشى يېمەكلىك بولسا بىللە يەيتتۇق، ئويناپ ھېرىپ قالغاندا قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە يېتىپلا ئۇخلاپ قالاتتۇق. ھەر مىللەت قوشنىلار ئىناق، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتەتتۇق. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، مېنىڭ ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىم ئوخشاشلا ھەر مىللەت ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلىپ باقمىدى.

  ئاساسىي قاتلامدىكى بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇرتۇمدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم: كەنتتىكى پاتقاق تار يول تۈپتۈز، سىلىق ئاسفالت يولغا ئايلاندى، پاكار كېسەك ئۆيلەر ئازادە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىگە ئايلاندى، بالىلار چىرايلىق مەكتەپ قورۇسىدا ياخشى تەربىيە ئالىدىغان بولدى... پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بىلەن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

  ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلار بارلىق چارە – ئاماللار بىلەن ۋەقە تۇغدۇرۇپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇچىغا چىققان ياۋۇز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە بىز قىلچە مۇرەسسە قىلساق ۋە يول قويساق بولمايدۇ، چوقۇم قىلچە يۈز – خاتىر قىلماي قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇلارنى ئۈزۈل – كېسىل پاكىز يوقىتىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقانداق يامان غەرەزلىك كىشى بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى خام خىيال قىلمىسۇن! مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈن نۇرى، ھاۋاغا ئوخشايدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭ زېمىنىدا ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ياشاشتا تايىنىدىغان ‹‹كۈن نۇرى››، ‹‹ھاۋا››نى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. بىز ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ سۇغىرىپ، ئۇنى داۋاملىق پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، جاپالىق تەرىمىز بەدىلىگە گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىم بار، باشلامچىلىق بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم بار. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، بۇزغۇنچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى