ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر لى چيۇڭ خەۋىرى): خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان كورلا نوپۇسىدىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، ياردەمگە ئېرىشكەن 38 ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى نەق مەيداندا ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئىگىلىنىشىچە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتى 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان كورلا نوپۇسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار (تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ۋە تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا بېرىلگەن ياردەم بولۇپ، ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرى يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار؛ شەھەر-بازارلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار؛ ئىنقىلابىي قۇربانلار، مېيىپ ھەربىيلەر ئائىلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە يېتىم ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت ئىكەن.