تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹مۇقىملىق، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ››

  ـــ پېشقەدەم كادىرلارنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىدە كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىم

  مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن

  10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، پېشقەدەم كادىرلار مەزمۇنغا باي، مول ھوسۇللۇق بىر كۈننى ئۆتكۈزدى.

  ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، كۇرسانتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يۈرەك سادالىرىنى ئاڭلاپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسىنى ھېس قىلدۇق››. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق كۆزەتكۈچىسى پەرھات ئوسمان مۇنداق دېدى: ‹‹بىز ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىنىۋاتقان ۋە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئاكتىپ كۈچنى ھېس قىلدۇق، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى››.

  ‹‹بۇ، مەنبەدىن تۈزەشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر››

  10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، كۆك ئاسمان يۇيۇپ قويغاندەك سۈزۈك، كۈز ھاۋاسى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىنىڭ مەيدانىدا، ‹‹ئالتۇن رەڭ قۇياش نۇرى›› ناملىق بىر مەيدان مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى، ئەر كۇرسانتلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، ئايال كۇرسانتلار ۋالىبول مۇسابىقىسى ئويناۋاتاتتى، مەدەت ئەترىتىدىكىلەر ئەتراپتا ئالقىشلاپ مەدەت بېرىۋاتاتتى.

  ئارقىدىنلا، ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىمۇ ئوخشاشلا ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، ئۇسسۇل زالىدا شوخ مەشرەپ رېپېتىتسىيە قىلىنىۋاتاتتى، تامغا ‹‹ئارزۇنى قاناتلاندۇرايلى، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن خەتلەر چاپلانغانىدى؛ ھۆسن تۈزەش ۋە چاچ ياساش خانىسىدا، ئايال كۇرسانتلار گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، قولىدىكى قاش قەلەم بىلەن گۈزەللىكنى تولۇق نامايان قىلىۋاتاتتى.

    ‹‹بۇ يەردە كۆتۈرەڭگۈ روھ ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن، مەن كۆرگەن ھەر بىر كۇرسانت كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولۇپتۇ، ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىپتۇ، ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى تولۇق نامايان قىلىپتۇ، مەن ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنى ھەم تىكلىگەن دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۆردۈم›› دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت – تارىخ كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاھاپ ئەزىمەت.

  دەرسخانىدا، دېلو مىساللىرى ئارقىلىق ئوقۇتۇلىدىغان قانۇن دەرسى ئۆتۈلۈۋاتاتتى، كۇرسانتلار بەس – بەستە سوئالغا جاۋاب بېرىۋاتاتتى، دەرسخانا كەيپىياتى قىزغىن ئىدى. دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى دەرسخانىسىدا، كۇرسانت ئابدۇقاسىم مەمەتئابلا ئۆزى يازغان ‹‹دەنچاۋفەن ئېتىشنى ئۆگىنىش›› تېمىلىق ماقالىنى ئوقۇپ بەردى. پېشقەدەم كادىرلار ئۇنىڭ رەتلىك يېزىلغان خاتىرىسىنى كۆرۈپ، راۋان پۇتۇڭخۇاسىنى ئاڭلاپ، بەس – بەستە سوئال سورىدى. ئۇ سوئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹‹دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن ھازىر 2000دىن ئارتۇق خەتنى ئۆگىنىۋالدىم، كەلگۈسىدە كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، خىزمەت تېپىش، تىجارەتتە غەم قىلمايمەن››.

    پېشقەدەم كادىرلار بىلەن مۇڭداشقان كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۆزگىرىشىنى سۆزلىگەندە، ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراق تۇرۇش ئىرادىسى بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ شەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتى كۇرسانتلارغا دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىپ، ھەق – ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەسىراتى ۋە ئۇلار بىلدۈرگەن <جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا تىرىشىش> ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى››.

  ‹‹تەسىراتىم ناھايىتى چوڭقۇر بولدى. كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم مۇھىتى پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىشتىكى مەنبەدىن تۈزەيدىغان مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپ، بىر مەھەل ئاداشقان بۇ ياشلارنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇپ قالدى. شىنجاڭدا ئۇدا 22 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنىڭ سادىر بولماسلىقى بۇ تەدبىرنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىشقا پۇختا ئاساس سالغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى، بۇ ئىسمى – جىسمىغا لايىق ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ›› دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى روزى ئىسمائىل.

  ‹‹ئىدىيە مەسىلىسى ھەل قىلىنىپلا قالماي، نامراتلىق مەسىلىسىمۇ ھەل قىلىنىپتۇ››

  خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىنىڭ تۇغقانلار كۆرۈشۈش ئۆيىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەت، دىن، تاشقى ئىشلار، چياۋمىنلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئابدۇراخمان راقىمباي كۇرسانت مەمەت ھېمىت بىلەن ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ سۆزلىشىشىگە قاتناشتى. مەمەت ئۇنىڭغا: مەن ئۆگىنىش ئارقىلىق سودا كوچىسىدىكى ‹‹ئارزۇ›› ماروژنى دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى بولدۇم، ھەر ئايدا كىرىمىم بار بولدى، دېدى. مەمەتنىڭ خوتۇنى مۇنداق دېدى: مەھەللە ئاھالە كومىتېتى بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، مېنىمۇ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى، ھازىر مەن مەھەللىنىڭ خادىمى. مەمەتنىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: نەۋرەم ھەقسىز يەسلىدە ئوقۇيدۇ، ھازىر ھېچنېمىدىن غەم يېمەيدىغان بولدۇم. ئابدۇراخمان راقىمباي توختىماي كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتتى.

  ‹‹كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتى شەخسكە، شۇنداقلا جەمئىيەتكە پايدىلىق، سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۇرسانتلار ۋە ئائىلىسىدىكىلىرىگە مۇشۇنچىۋالا غەمخورلۇق قىلىپ ۋە كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈمىدكە تولدۇرۇپتۇ، ئىدىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، نامراتلىق مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىپتۇ›› دېدى ئابدۇراخمان راقىمباي.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈ شېڭدې قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئازغان ياشلارنى تاشلىۋەتمەي، ۋاز كەچمەي، ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا بىرەر ماھارەتنى ئىگىلىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتلىق يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  پېشقەدەم كادىرلار خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىنىڭ ئەتلەس توقۇش زاۋۇتىغا كەلدى، چوڭ زالدا ئەتلەستىن تىكىلگەن كىيىم – كېچەك، مۇراسىم كىيىملىرى كۆرگەزمە قىلىنغانىدى، كاستۇمنىڭ ياقىسىغا دادىللىق بىلەن ئەتلەس ئىشلىتىلگەن بولۇپ، زامانىۋى تۇيغۇغا تولغانىدى. تامغا ھەر خىل رەڭدىكى نۇسخىلار ئېسىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قىزىل رەڭدىكى شۇاڭشى نۇسخىلىق تاۋار – دۇردۇن روشەنكى، ئىجادىي مەھسۇلات ئىدى. بۇ زاۋۇتنى ئۈچ كۇرسانتنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئاچقانلىقى، 102 كۇرسانتنى ئىشقا قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېشقەدەم كادىرلار كەينى – كەينىدىن باش بارمىقىنى چىقاردى.

  ‹‹مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا! كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيەسى كۇرسانتلارغا ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى، تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپتۇ، كۇرسانتلار دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ۋە كەسپىي ماھارەت ئىگىلەپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەختلىك تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بوپتۇ. بۇمۇ ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىپ، كۈرەش قىلىشنى بىلىپ، غايەت زور مەنىۋى بايلىققا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەنلىكتۇر›› دېدى سابىق شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد شۆيۈەنى (ھازىرقى شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد داشۆسى)نىڭ مۇدىرى يۇنۇس ئابلىز.

  ‹‹جەمئىيەت مۇقىملىشىپتۇ، كەسىپلەر راۋاجلىنىپتۇ››

  10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى دۆڭ كۈزلۈك كەنتىدىكى كەسىپلەر رايونىغا يۈرۈپ كەتتى، يول بويى يولنىڭ تۈزلۈكىنى، يول بويىدا لاپاسلاردا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقانلىقىنى، غايەت چوڭ زاۋۇت ئۆيىنىڭ تېمىغا ‹‹نامراتلارنى يۆلەشتىكى مۇھىم نۇقتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچ كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش›› دېگەن خەتلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

  پېشقەدەم كادىرلار كەسىپلەر رايونىدىكى لوپ ناھىيەلىك كۈنلۈنشۆ بىيوتېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدى: بۇ بىرىنچى قاراردا 96 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بويىچە قارا مورنى ئىلمىي تېرىش ئۈلگە تۈرىدە بۇ ناھىيەدە ئون تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇلۇپتۇ. دېھقان ئائىلىلىرى تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇزاق ئۆتمەيلا تېرىپ ئۆستۈرۈشنى ئۆگىنىۋاپتۇ، شىركەت دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىپ ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەيدىكەن ھەم ساتىدىكەن. بۇ تۈر پەقەت تېرىقچىلىق كەسپىنىڭ دەسلىپىدىلا ھەر يىلى 8760 نامرات ئائىلىنى بىۋاسىتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرالايدىكەن ھەم 2000 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىنىڭ كىرىمىنى 2000 يۈەن ئاشۇرالايدىكەن.

  ‹‹بۇ يەردە يېتىشتۈرۈش كەسپى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۈپ يولى قىلىنىپتۇ، تەرەققىيات تەپەككۇرى ئېنىق بولۇپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەرەققىياتنى كۆزلەش غەيرىتى ناھايىتى يېتەرلىك ئىكەن›› دېدى پەرھات ئوسمان. ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئۇ خاتىرە دەپتىرىگە كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى توختىماي خاتىرىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جەمئىيەت مۇقىملاشسا، كەسىپلەر راۋاجلانسا، كىشىلەر قەلبىمۇ مۇقىملىشىدۇ.

  كەسىپلەر رايونىدا، لوپ ناھىيەلىك خېتيەنشيا كەپتەرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ نەسىللىك كەپتەر پەن – تېخنىكا باقمىچىلىق ئۈلگە تۈرى بازىسى گۈللىنىپ راۋاجلىنىپتۇ، ھەر خىل رەڭدىكى نەسىللىك تاماشا كەپتەرلىرى كىشىلەرنى تولىمۇ جەلپ قىلىدىكەن، نۇرغۇن تاماشا كەپتىرىنىڭ باھاسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن. بۇ كەپتەر باقمىچىلىق مەيدانىغا جەمئىي 36 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، دېھقانلار كەپتەر بېقىشقا سەپەرۋەر قىلىنىپتۇ، شىركەت بىرتۇتاش باشقۇرۇش ۋە سېتىشنى يولغا قويغان بولۇپ، 1635 ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولالايدىكەن.

  ‹‹مۇقىملىق، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىز جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا – كەنتلىرىنىڭ قىياپىتى ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى كۆردۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم ئاممىۋى ئاساسىنى كۆردۇق، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئۈزلۈكسىز نەپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى كۆردۇق!›› دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ما جيەنگو ھاياجانلانغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى