تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

باش قېيىشنڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟

  ئىنچىكە ئويلايدىغان بولساق، نۇرغۇن ئادەمنىڭ بېشى قېيىپ باققان «تارىخى» بار. قورساق تويمىغاندا، ئۇيقا ياخشى بولمىغاندا، چارچىغاندا، كۆڭۈل پەرىشان بولغاندا....بۇلاردىن باشقا، باشنىڭ بەزىدە تۇيۇقسىز قېيىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىنكاس بىلەن ئالاقىسى يوق بولۇپ، كۆپ ۋاقىتلاردا كېسەللىك سەۋەبىدىن بولىدۇ.

  ئوخشىمىغان ياش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ باش قېيىش سەۋەبىمۇ ئوخشىمايدۇ.

  بالىلاردا قىسقا ۋاقىت باش قېيىپ كۆڭلى ئېلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە قۇلاق غوڭۇلداش ياكى ئاڭلاش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ.

  ھامىلدارلارنىڭ بېشى قايسا، سالامەتلىكى ناچارلىشىش سەۋەبىدىن بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا چوقۇم ئارام ئېلىش كېرەك.

   ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا باش قېيىشنىڭ سەۋەبى كۆپىنچە ھاللاردا قان بېسىم، قان قەنتى ياكى قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ، ئادەتتە كۆپىنچە سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، دىيابىت قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن باش قېيىش كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەزى ھاللاردا چېنىقىش كەمچىل بولۇشتىنمۇ باش قېيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، چوقۇم تەكشۈرتۈپ سەۋەبىنى تېپىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى