تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتايلى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئىقتىساد مۇقىم بولسا، كىشىلەر قەلبى مۇقىم بولىدۇ، ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولىدۇ.

  ‹‹ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق مۇۋاپىق دائىرىنى ساقلىدى››. 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

    ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش. بۇ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئالاھىدىلىكى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پەۋقۇلئاددە، مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىق، خىرىسقا پائال تاقابىل تۇردى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى تۈپ سان ئاساسىدا ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى، خەلقئارا كىرىم – چىقىم، كارخانىلارنىڭ پايدىسى، مالىيە كىرىمى، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەردىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بەردى. ئىسلاھات پايدىسىنىڭ سىجىل تارقىتىلىشى، يېڭى – كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنىڭ تېزلىتىلىشى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇشى، شۇنداقلا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىشى، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بازار ئىشەنچىنى ئاشۇردى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

  ‹‹مۇقىملىق››نى كۆرۈش، ‹‹ئىلگىرىلەش››نى ئىگىلەش بىلەن بىللە، بىز يەنە سەگەكلىك بىلەن ‹‹ئۆزگىرىش››نى كۆرۈشىمىز، ‹‹ئۆزگىرىش››نى تۇتۇشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى مەلۇم دەرىجىدە ئېشىۋاتىدۇ، بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ تىجارىتىدە قىيىنچىلىق بىر قەدەر كۆپ، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەر مەلۇم دەرىجىدە ئاشكارىلاندى. بۇنىڭغا قارىتا، بىر جەھەتتىن، نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، تاشقى مۇھىتتىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، بەزى سىياسەتلەرنىڭ ئېففېكتىنى يەنىمۇ تارقىتىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، جەزمەن ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئسىلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي زىددىيەتلەرنى تۇتۇپ، قاراتمىلىق ھالدا ھەل قىلىش كېرەك.

  دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم: تاشقى ئامىل ئۆزگىرىشنىڭ شەرتى، ئىچكى ئامىل ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسى، تاشقى ئامىل ئىچكى ئامىل ئارقىلىق رول ئوينايدۇ، دەپ قارايدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئاچقۇچ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، تاشقى بېسىمنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشتا. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، ئىشەنچلىك پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تاشقى ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتا مۇشۇنداق شارائىتىمىز بار، مۇشۇنداق ئىقتىدارىمىزمۇ بار.

  كۆپ ياققان ئوت كۆككە تۇتىشار. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، جەزمەن ئېغىشماي ‹‹ئىككىدە تەۋرەنمەسلىك››تە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىللىق ئۇلۇغۋار مۇساپىنى ئەسلىسەك، دەل ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلغاچقا، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىشى؛ كاپىتال بازىرى ئىسلاھاتىنى چۆرىدەپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ تاشقى مەبلەغدىن داۋاملىق پائال، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، جۇڭگودىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

  ‹‹سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋرمۇ ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن.›› ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ  ـــ دېگەننى قىلىشتۇر، ئەڭ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ــــ ئاخىرغىچە تۇتۇشتۇر. ئىستىلنى توغرىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىۋاتقان يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسقا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ، چىقىرىلغان تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ رولىنى ئىمكانقەدەر تېز جارى قىلدۇرساقلا، بىز چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي پاراخوتىنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلىيەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى