تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تۇرپان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى

  مۇخبىرىمىز چېن چېن

  ‹‹ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بولغاچقا، يېڭى ئۆي سالدىم، 20 قوي باقتىم، يەنە ساياھەت خاس مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى ئاچتىم، يىلدا ئاز دېگەندە 50 – 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن!››. تۇرپان شەھىرىنىڭ ئېدىقۇت رايونى ئايدىڭكۆل بازىرى جاڭزا كەنتىدىكى دېھقان پاتىگۈل روزى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرغا ئائىلىسىنىڭ 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن بۇيانقى بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سۆزلەپ بەردى.

   پاتىگۈلدىكى بۇ ئىشەنچ تۇرپان شەھىرى ھازىر يولغا قويۇۋاتقان باغ – ئورمانچىلىق، باقمىچىلىق ۋە ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، زورايتىشتىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەشنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن كەلگەن.

  2014 – يىلى، تۇرپان قايتىدىن ئېنىقلاپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 18 نامرات كەنت، 7060 نامرات ئائىلە، 25 مىڭ 738 ئادەمنى جەزملەشتۈردى.

   تۇرپان شەھىرى ‹‹نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، بىرمۇ كىشىنى قالدۇرۇپ قويماسلىق›› ئومۇمىي تەلىپىنى چۆرىدەپ، نامراتلارنى يۆلەش يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى مېخانىزمىدا پائال ئىزدىنىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شەھەردىكى 18 نامرات كەنت نامراتلار قاتارىدىن چېكىندۈرۈلۈپ، 7060 ئائىلىدىكى 25 مىڭ 738 ئادەمنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى.

  قانداق قىلغاندا نامراتلىق ھادىسىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرمەسلىكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ تۇرپان شەھەرلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خې يۈەنشىن مۇنداق دېدى: نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش ۋە نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى غەلىبە قىلىش يولى قىلىپ، ‹‹قان بېرىش›› شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەشنى ‹‹قان ئىشلەش›› شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەشكە ئۆزگەرتكەندىلا، ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم كۆپەيتىشىگە يول ھازىرلاپ بەرگىلى بولىدۇ.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، تۇرپان شەھىرى ‹‹يېڭى دەۋردە ئۈزۈم كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى›› قاتارلىق يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، شەھەر، رايون، ناھىيەدىكى ئالاقىدار ساھە، تارماقلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى كۆپ قېتىم كەنتلەرگە، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، نامرات كەنتلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سىجىل تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى ھەر جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ راۋاجلاندۇردى، زورايتتى.

  تۇرپان نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلگەن كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئورماننى كۆچۈرۈپ تىكىشىگە ياردەم بېرىش – يۆلەش سالمىقىنى زورايتتى، 18 كەنتتە 8827 مو يەرگە مېۋىلىك كۆچەتنى يېڭىدىن كۆچۈرۈپ تىكىپ، 5578 مو يەردىكى ئۈزۈم بارىڭىنى ئۆزگەرتىپ، 6014 مو يەردە ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە بازىسى قۇرۇپ، 5080 مو يەردە توشقانزەدىكى تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇردى. چارۋا مال باقمىچىلىقى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ‹‹كۆك – تاق قۇرۇلۇشى››، ‹‹گۆش دۇكىنى قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇپ، ‹‹ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە + پەن – تېخنىكا›› كەسىپلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باقمىچىلىقنىڭ پايدا نىسبىتىنى ئاشۇردى. سەھرا ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك ساياھەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلگەن كەنتلەردە ساياھەت ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش تۈرىدىن توققۇزنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۇيۇق يېزىسى تۇيۇق كەنتىنىڭ خاس كىچىك بازار ۋە خاس كەنت بەرپا قىلىشىنى نۇقتىلىق يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ ساياھەت يانداشما كەسپىگە قاتنىشىپ، سەھرا ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە مەدەت بەردى.

  نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش ئاساسىدا، تۇرپان شەھىرى نامراتلارنى سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى تېخنىكا ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى ئىش ئورنى ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى ئىگىلىك تىكلىتىش ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرىدىن 16نى ئوتتۇرىغا قويدى. پۈتۈن ئىشتاتلىق يۆتكەش، ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئىش ئورنى يارىتىش ۋە ‹‹ئىشىك ئالدىدىكى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈش›› قاتارلىق يوللار ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى جانلىق ئىشلىتىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كەنت – كارخانا ئەمگەك مۇلازىمىتى تەمىنات – تەلەپ سۇپىسىنى كۈچەيتىپ قۇرۇپ، كارخانىلارنى نامراتلار ئۈچۈن ئىش ئورنى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇشىنى قوللاپ، دېھقانلار بىناكارلىق – قۇرۇلۇش ئەترىتىدىن 184نى تەشكىللەپ قۇردى. ھازىر، پۈتۈن شەھەر بويىچە 14 مىڭ 827 ئادەم(قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 4568 ئادەم مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  تۇرپان شەھىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ھۆددە ئېلىش – ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش – يۆلەشكە مەسئۇل ئادەمنىڭ، ياردەم بېرىش – يۆلەش تەدبىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بارلىق ئاھالىلەرنى قاپلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ بارلىق ياردەم بېرىش – يۆلەش كادىرلىرىنى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چۆرىدەپ يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى بىلىم، قانۇن، تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ‹‹ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش›› نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىنى ياخشى ئىشلىتىپ كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىش، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  خې يۈەنشىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا، بىز تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل ئارقىلىق ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ، سىياسەتنى توختاتماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى توختاتماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ، ياردەم بېرىش – يۆلەشنى توختاتماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى توختاتماسلىق›› تەلىپىگە ئاساسەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ‹‹بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى قالدۇرۇپ قويماسلىق›› نىشان، تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ قەرەلىدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى