تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئايلانما يېزا ئىگىلىكى كېرەكسىز بۇيۇملارنى گۆھەرگە ئايلاندۇردى

ئىشچىلار 10-ئاينىڭ 31-كۈنى سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچا رايونى شىنجاڭ يۇڭخۇا يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى زاۋۇتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ شىڭباۋگۇ ئۆيىدە شىڭباۋگۇلارنى يىغماقتا.

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچا رايونى شىنجاڭ يۇڭخۇا يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى زاۋۇتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى شىڭباۋگۇ ۋە شېۋېيگۇ قاتارلىق ئەتىۋارلىق يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مول دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى قالدۇقىد تولۇق پايدىلىنىپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى قوشۇمچە مەھسۇلاتلار (كۆممىقوناق مەدىكى، ھەرە كېپىكى، كېپەك تېرە، شاخ-شۇمبا، چىگىت قاسرىقى قاتارلىقلار)نى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ، بىيو تېخنىكا ئارقىلىق كېرەكسىز بۇيۇملارنى گۆھەرگە ئايلاندۇرىدۇ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى كېرەكسىز باكتېرىيەنى تۇپراقنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىدىغان ئورگانىك ئوغۇتقا ئۆزگەرتىپ، ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  بۇ بازا كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان شىڭباۋگۇ 20 توننىدىن ئېشىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئەتراپتىكى 2000دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى