سىرتقا چىقىشقا ئالدىرىغاندا تولۇق قۇرۇپ بولالمىغان يۇڭ پوپايكىنى قانداق قۇرۇتۇش كېرەك؟
ئاۋۋال پوپايكا پاتقۇدەك چوڭلۇقتا ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان سۇلياۋ ۋاكۇئۇم خالتا(سۈرەتتىكىدەك) تەييارلايمىز. خالتىنى پۈتۈنلەي ھىم ئېتىۋەتمەي، ئىككى تەرىپىدىن سەككىز سانتىمېتىر ئەتراپىدا يوچۇق ئېچىپ، ئوتتۇرىسىنى ھىم ئېتىمىز.
چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ شامال كۈچىنى ئوتتۇراھال تەڭشەپ، خالتىنىڭ بىر ئېغىزىدىن چاچ قۇرۇتقۇچنى كىرگۈزۈپ قۇرۇتساق بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ ئىسسىق شامىلى خالتا ئىچىدىكى نەم ھاۋانى ھەيدەپ چىقىرىدۇ.
ئىسسىقلىقنىڭ تەكشى تارقىلىشى ئۈچۈن، خالتا ئىچىدىكى پوپايكىنى قۇرۇتقاندا، ياخشىسى پوپايكىنى بىر نەچچە قېتىم ئۆرۈپ تۇرۇش كېرەك. 20 مىنۇتتىن كېيىن پوپايكا قۇرۇپ بولىدۇ.
خەلق گېزىتى ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى