تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

قىزىلسۇ ئوبلاستى باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق چارۋىچىلارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز يەن شيا، جاۋ يىفېي

  10 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈش نۇقتىسى ــــ ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان كۈنلۈن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كىرگىنىمىزدە، كۆز ئالدىمىزدا ئاچ سېرىق رەڭلىك رەتلىك بىنالار، چىملىق، ياپيېشىل دەرەخلەر، ئارام ئالىدىغان شىپاڭلار، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى نامايان بولدى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر مەھەللە مەيدانىدا ئاپتاپسىنىۋاتاتتى، بالىلار چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ئەتراپىدا خۇشال – خۇرام ئويناۋاتاتتى.

  تاغدىن كۆچۈپ كەلگىنىگە يېرىم يىل بولغان ئاينۇر شەھەر تۇرمۇشىغا تەدرىجىي ماسلاشتى. ئۇ ‹‹زەي ئويماق›› قول ھۈنەر – سەنئەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، توي مۇراسىمى بۇيۇملىرى ۋە مۇراسىم كىيىملىرى قاتارلىق بۇيرۇتمىلارنى مەخسۇس قوبۇل قىلدى. يېڭى تۇرمۇشى ئۈستىدە توختالغاندا ئاينۇرنىڭ چىرايىدىن بەخت شادلىقى جىلۋىلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىش قاتارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ھەل بولدى، ئىشىكتىن چىقساقلا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرالايمىز، تۇرمۇشىمىز بەك قولايلاشتى. ھازىر ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلەپ، ئايدا ئونچە بۇيرۇتما قوبۇل قىلىپ، 5000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپىمەن، يەنە بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئاپتوموبىل سېتىۋالالايمەن.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش داۋامىدا، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەپ، كۆچەلەيدىغان، مۇقىم ئولتۇراقلىشالايدىغان، بېيىيالايدىغان، تۇرمۇشىنى ياخشىلىيالايدىغان يېڭى يولنى تېپىپ چىقتى. 2016 – يىلىدىن باشلاپ قىزىلسۇ ئوبلاستى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش جەھەتتە ‹‹كەشتە تىكىش ماھارىتى››نى تولۇق ئىشقا سېلىپ، دەل جايىدا كۆچۈرۈشنى يولغا قويۇپ، كۆچۈرۈش ئوبيېكتىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى قاتتىق تاللاپ، ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىنكى كاپالەتلەندۈرۈش پىلانىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېيىنكى قەدەمدىكى كەسىپ تۈرلىرىنى پائال راۋاجلاندۇردى.

  بۇ يىل 9 – ئايغىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن 2717 نامرات ئائىلە، 11 مىڭ 745 كىشىنى كۆچۈرۈشنى تاماملىدى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كۈنلۈن جيايۈەن ئولتۇراق رايونى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىكى ئاراساي ئولتۇراق رايونى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى توپا پورتى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ سومتاش يېزىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى قاتارلىق توققۇز ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى يېڭىدىن قۇردى.

  ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كۈنلۈن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېغىر نامرات رايونلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر. چارۋىچىلار تاغدىن كۆچۈپ چىقىپ، مەھەللە ئاھالىسىگە ئايلىنىپ، كېيىنكى غەم – ئەندىشىدىن خالاس بولدى. چارۋا ماللىرىنى، تاغدىكى كالا – قويلىرىنى تاغدا قالغان چارۋىچىلارنىڭ ۋاكالىتەن بېقىپ بېرىشكە تاپشۇردى ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇپ باشقىلارغا باقتۇردى، يىل ئاخىرىدا يەنە ئۇلارغا پايدا تەقسىملەپ بېرىلدى. ئۇلار تاغدىكى چارۋىچىلارغا ئوخشاشلا ئوتلاق تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى.

   ئۇلۇغچات ناھىيەسى بايقۇرۇت يېزىسىدىكى توپا نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈرىدە خاس كىچىك شەھەر – بازار قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، پورتنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش داۋامىدا ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان تۈزۈپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ‹‹بىر ئائىلىنىڭ بىر دۇكىنى بولۇش››ىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىدىكى ئولتۇراقلاشقان جايىدىكى چارۋا مال، ئوتلاق، ئورمان يېرى، ئوبوروت قىلىش، ئوتلاق مۇكاپات قوشۇمچە ياردەم پۇلى قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئۆزىنىڭ تىجارەت دۇكىنىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى كۆپەيتەلەيدىغان بولدى، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز يېرىدە، پورت يۈك مەيدانىدىكى ئېكسپورت – ئىمپورت كارخانىلىرى، پورتتا تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، ‹‹قامچىنى تاشلاپ، يېڭى يېزىغا كىرىش، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش››نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر كۆچۈپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىش، دۇكىنىنى ئىجارىگە بېرىش، ئۆز يېرىدە ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ يۈەن كۆپىيىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى