تۇنجى بېكەتتە 580 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالاندى
مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، سودا مىنىستىرلىقى بازار قۇرۇلۇشى مەھكىمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹2018 – يىللىق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش – سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سەپىرى شىنجاڭ بېكىتى (جۇڭگودىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ تىيانشان سەپىرى) پائالىيىتى›› خوتەندە باشلاندى. پائالىيەتتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش – سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش مەقسەت قىلىنغان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە كۆرگەزمە قىلىش، مەخسۇس تونۇشتۇرۇش، ئېتىز بېشىغىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش، كېڭىشىپ سېتىۋېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، كەڭ دائىرىدە ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇپ، ئوبوروت ھالقىلىرى كۈچەپ ئازايتىلىپ، دېھقانلار بىلەن سودىگەرلەرنىڭ ئارىلىقى يېقىنلاشتۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش – سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار تەسىرى، سېتىش يوللىرى كېڭەيتىلدى.
خوتەن ۋىلايىتى 200 دىن ئارتۇق كارخانا، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بازىسى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى. خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە 140 ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خوتەن چوڭ چىلىنى، ياڭاق، ھەر خىل كۆكتات، ئەتلەس يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى، كىيىم – كېچەك قاتارلىق 31 خىل مەھسۇلات كۆرگەزمىگە قويۇلدى.
پائالىيەتكە پۈتۈن مەملىكەتتىكى نوپۇزلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرى (توپ سېتىش سودىگەرلىرى)، تىرىك، يېڭى مەھسۇلاتلار تاللا بازارلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى، يېمەك – ئىچمەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى قاتارلىق 61 سېتىۋېلىش سودىگىرى تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار يەرلىك كارخانىلار بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش – سېتىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چوڭ بازارلارغا كىرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
شۇ كۈنى، جەمئىي 29 سېتىۋېلىش سودىگىرى خوتەندىكى كارخانىلار بىلەن توختام ئىمزالىدى، توختام سوممىسى 580 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جوۋ چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش – سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى. بولۇپمۇ سودا مىنىستىرلىقى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى داۋاملىق جانلاندى، سودا ھەمكارلىقى ۋە سودا كېڭىشىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نوپۇزى ۋە تەسىر كۈچى ئاشتى. شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالچىلارغا تونۇلدى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، كۇرسلۇق مەھسۇلات تەسىر كۈچى كۈندىن – كۈنگە ئاشتى.