تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتەيلى

  ـــ ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاچقۇچ پارتىيەدە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹پارتىيەنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا بايراق روشەن ھالدا چىڭ تۇرۇش كېرەك››. بۇ، تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە قويۇلغان ئېنىق تەلەپ. بىز قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  بايراق روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىر رەھبىرىي كادىرنىڭ پىشىپ يېتىلگەن – يېتىلمىگەنلىكىگە، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان – ئالالمايدىغانلىقىغا قاراشتا، ئۇنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان – بەرمەيدىغانلىقى، بۇ خىزمەتنى تۇتۇشقا ماھىر – ماھىر ئەمەسلىكىگە قاراش بىر مۇھىم تەرەپ؛ بىر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نىڭ سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك – كۈچلۈك ئەمەسلىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تەۋرەنگەن – تەۋرەنمىگەنلىكىگە قاراشتا، ئۇنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرغان – تۇرمىغانلىقى بىر مۇھىم ئۆلچەم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ئومۇمىيەت خىزمىتىدە ھەقىقىي مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مۇستەھكەم ئىگىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات – ئىدىيە تارماقلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، دائىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە توغرىلىنىپ، دائىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ، يېتەكچىلىك قىلىش، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش قاتارلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

  تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى سىياسىي خىزمەت، چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەڭگۈ يولدا بولىدىغان جاسارەت ۋە ئىرادىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى بىرىنچى تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، ئىشەنچلىك بولۇشنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن – ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشۋىقات ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى مۇھىم دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شاۋقۇننىڭ كاشىلىسىغا، خاتا ئىدىيەنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىماسلىق كېرەك.

  تەشۋىقات – ئىدىيە سېپى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، ئىقتىدار ئاچقۇچ. ياخشىلارنى تاللاپ تەشۋىقات – ئىدىيە تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچلۈك قىلىپ سەپلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك، تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئىدىيەۋى خىزمەتنى ئىشلەشكە ماھىر مۇنەۋۋەر كادىرلارنى مۇھىم رەھبەرلىك ئورنىغا قويۇش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىر ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدىكى كادىر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى كادىرلىرىنىڭ ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدىكى كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندۇرۇپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيىتى يۇقىرى، كۈچلۈك، ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىق يارىتىدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ شاھمات تاختىسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي بارگاھتىكى ‹‹باش قوماندان›› ھېسابلىنىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بىز پارتىيەنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى پائال، تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە بايرىقىنى تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرساقلا، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتەلەيمىز، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى