تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۈزۈلمەس قېرىنداشلىق مېھرى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى تۆۋەنكى ئايكۆل كەنتىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە كەنتتە تۇرۇۋاتقان ياڭ شىنچېڭ دائىم ۋاقىت ئاجرىتىپ ئايباغ يېزىسى ئۈستۈنكى قۇلاس كەنتىگە بېرىپ، ئۇزۇن يىللىق دوستى ياقۇپ مەمەتنى يوقلايدۇ. 10-ئاينىڭ 19-كۈنى توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغان ياقۇپ يېڭى ئېچىتقان مۇسەللەسنى قۇتىلارغا قاچىلاۋاتقاندا، ياڭ شىنچېڭ پىرەنىك قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.

  ياقۇپ: «دەل ۋاقتىدا كەپسىز. كېلىڭە، يېڭى ئېچىتقان مۇسەللەسنى تېتىپ بېقىڭ!» دېگەچ، قولىدىكى ئىشىنى توختىتىپ، ياڭ شىنچېڭنى مېھمانخانا ئۆيگە باشلىدى.

  53 ياشلىق ياقۇپ بىلەن 52 ياشلىق ياڭ شىنچېڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا تېخى ئوقۇغۇچى ۋاقتىدا تونۇشقان ئىدى. ياقۇپ تۇرۇشلۇق ئۈستۈنكى قۇلاس كەنتى بىلەن ياڭ شىنچېڭ تۇرۇشلۇق قوشكۆۋرۈك كەنتىنىڭ ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان بولۇپ، ياقۇپ دائىم بۇ كەنتكە ئوينىغىلى كېلەتتى.

  1997-يىلى ياقۇپ يېقىن ئەتراپتىكى بىر پاختا زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقاندا 80 نەچچە كىلوگىرام كېلىدىغان بىر پاختا تېيى يۈك ئاپتوموبىلىدىن ئۇنىڭ بېلىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، ياقۇپ ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ياخشى دوستىنىڭ ھەمراھلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ياقۇپنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى قايتىدىن قوزغالدى. ئۇ دەسلەپتە ئۆيىدە دۇكان ئاچتى، كېيىن يەنە دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى ئېچىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئاۋات ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا بىر چاقلىق ئورۇندۇق سوۋغا قىلدى ھەمدە نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيىدە مۇسەللەس ئېچىتىش ۋە كۈركە توخۇ، قارا سۆڭەكلىك توخۇ، نۇمىدا چىپار توخۇسى، توز قاتارلىق ئۆزگىچە ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشقا باشلىدى.

  ياڭ شىنچېڭ مۇسەللەسكە ئېغىز تەگكەچ، ياقۇپقا مۇنداق دېدى: يىللار رەھىمسىز، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چاچلىرىمىزغا ئاق كىردى. بۇ يىللاردا سىز كۆپلىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشتىڭىز، بېيىش باشلامچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى بولدىڭىز، بۇنداق كۆپ شەرەپكە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس! سىزنى مەن تۇرۇۋاتقان كەنتكە بېرىپ ئاھالىلەرگە لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن.

  ياقۇپنىڭ كۆزلىرى نەملەشتى، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن خۇشال بولغان، ياڭ شىنچېڭدەك دوستىنىڭ بولغانلىقىدىن تېخىمۇ خۇشال بولغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى