تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يۇڭ پوپايكىنىڭ تۈكى چۈشسە بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

    بەزى يۇڭ پوپايكىلار ئىسسىق ھەم يۇمشاق بولغىنى بىلەن بىر مەزگىل كىيگەندىن كېيىن، تۈكى چۈشۈپ ئادەمنى بىزار قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ تۆۋەندىكى ئۇسۇل سىزنىڭ سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

    قوي يۇڭىدىن توقۇلغان پوپايكىلارنىڭ تۈكى چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پوپايكا يۇيىدىغان سۇغا مۇۋاپىق مىقداردا كىر يۇيۇش پاراشوكى سېلىشتىن سىرت، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا كراخمال (بىر داس سۇغا بىر قوشۇق سېلىنسا بولىدۇ) سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

    پوپايكىنى تەييارلىۋالغان سۇغا بەش مىنۇت چىلايمىز، بەش مىنۇتتىن كېيىن پوپايكىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ، پاكىز سۇ بىلەن چايقايمىز.

    چايقاپ بولغاندىن كېيىن، پوپايكىنى تور خالتىغا سېلىپ ئېسىپ قويىمىز، ئەگەر تور خالتا بولمىسا سۈرەتتىكىدەك ئۇسۇلدا ئېسىپ قويساقمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا پوپايكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  پوپايكا قۇرىغاندىن كېيىن، پوپايكا يۇڭىنىڭ ئاۋۋالقىدەك كۆپ چۈشمەيدىغانلىقىنى بايقايسىز.

خەلق گېزىتى ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى