بۇ يىل، مورى ناھىيەسىدە ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا قار كېچىكىپ ياغدى. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ياغقان يامغۇر ئارىلاش قار، مورىنىڭ قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
چىداملىق كۈزگى بۇغداي مايسىلىرى قېلىن ۋە يۇمشاق قارنىڭ ئاستىدا، كەڭ تەبىئەتنىڭ ھارارىتىدىن بەھرىلەنمەكتە ئىدى.
قىش پەسلىدىكى مورىنىڭ تاغلىق كەنتلىرى خۇددى سىياھ رەسىمگە ئوخشاپ قالغانىدى، ئاپئاق قارلار، تىپتىنچ تاغلىق كەنت ئاپئاق قار دۇنياسىدا ئۇيقۇغا كەتكەنىدى، بۇ گۈزەل مەنزىرە خۇددى خىيالىي دۇنياغا ئوخشاپ قالغانىدى.
بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىسىڭىز، كۆكتە قانات كېرىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈت، ئۆيلەر ئالدىدىكى بوش يەرگە قونۇپ ئوزۇق ئىزدەۋاتقان قۇش ۋە ئۆي توخۇلىرى قاتارلىقلار كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلغانىدى.
ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى